بارسېلونا بىلەن خانلىق مادرىد دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى كېڭەيتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
0
2018-05-16 15:38:56
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنى 24كە كېڭەيتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ياۋروپادىكى داڭلىق كوماندىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ھەمدە ياۋروپادىكى يەتتە داڭلىق كوماندا بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مۇزاكىرە قىلغان. «ماركا گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خانلىق مادرىد بىلەن بارسېلونا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزىدىغان تەرتىپكە ئەكەلمەكچى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆپلىگەن داڭدار كوماندىلارنى بۇ مۇسابىقە تۈرىگە قاتناشتۇرماقچى بولغان ھەمدە شۇ ئارقىلىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تەسىرىنى ۋە كىرىمىنى يۇقىرىلاتماقچى بولغان. ئىگىلىنىشىچە، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يەتتە داڭدار كوماندىنى تەكلىپ قىلىپ بۇ توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسلاھات قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىغا ياۋروپادىن 12 كوماندا، جەنۇبىي ئامرىكىدىن تۆت ياكى بەش كوماندا، ئافرىقا، ئاسىيا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىن ئىككى كوماندىدىن قاتنىشالايدىغان بولۇپ، ئوكيانىيەنىڭ ۋەكىل كوماندىسى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ بەشىنچى كوماندىسى بىلەن سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئوينايدىكەن.

خانلىق مادرىد يۇقىرى قاتلىمى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا بۇ پىلاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ پىلاننى «زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە» دەپ قارىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بارسېلونامۇ بۇ پىلاننى قوللايدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەل بۇ پىلان يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن بۇنىڭدىن بۇرۇنقى مۇسابىقىلەرگە سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن %35 مۇسابىقىنىڭ ئازلىشى ئىكەن. لېكىن، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئوخشىمايدىغان قاراشتا بولۇپ، ئۇ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۆزى مۇھىم دەپلا قارىغان كوماندىلارنى تەكلىپ قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، بارلىق كۇلۇبلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

1122837268_1526388183867_title0h.jpg
1122837267_1526388125507_title0h.jpg
U020180512497194297709.jpg
W020180512498444277329.jpg