توتتېنھام كوماندىسى ئۈچ توپچىنى سېتىۋەتمەكچى
0
2018-05-16 10:31:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، توتتېنھام كوماندىسىنىڭ ترېنېرى پوچېتتىنو دېمبېلې، روسې، ئالدېرۋېرلد قاتارلىق توپچىلارنى سېتىۋېتىشنى قارار قىلغان.

پوچېتتىنو ئىلگىرى كوماندىنىڭ بۇ يىل يازدا يۆتكىلىش بازىرىدا يۈرەكلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقنى بىلدۈرگەن، بىرلەشمە مۇسابىقىدە 3-لىككە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچەيگەن ھەم كېلەركى پەسىل بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلىقىنى تالىشىش ئۈچۈن ئاساس سالماقچى، ئۇ يەنە كوماندىنىڭ رەئىسىنىڭ كوماندىغا زور مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

بىراق پوچېتتىنونىڭ كۆڭلىگە ناھايىتى ئايان، كوماندىنىڭ بۇ يىل يۇقىرى مەبلەغ سېلىشى ناتايىن، چۈنكى ئۇلار ئالدىنقى يىلى يېڭى پۇتبول مەيدانى سېلىش ئۈچۈن 850 مىليون فوندستېرلىڭ مەبلەغ سەرپ قىلغان، پوچېتتىنو بۇ يىل يازدا قانچىلىك مەبلەغ ئىشلىتىشنى بىلسە ئۇنىڭ بۇ يىل يۆتكىلىش بازىرىدىكى سودىسى تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ.

پوچېتتىنو دېمبېلېگە قويۇلغان باھانى ئەستايىدىل ئويلىشىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى ئەلۋەتتە مەستانىلەرنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ، بىراق ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ كېلەركى پەسىل تولۇق مۇسابىقىگە قاتنىشالىشى ناتايىن، دېمبېلې ئۆتكەن يىلى يازدا پۇتنى ئوپېراتسىيە قىلغان، بەلكىم ئۇ جۇڭگونىڭ زور سوممىلىق توختامىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن.

روس ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، كوماندىنىڭ داڭلىق توپچى قوشۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەم كوماندىنىڭ مائاش قۇرۇلمىسىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئېۋېرتون كوماندىسى روسنى قوشۇۋېلىشنى خالايدۇ.

ئالدېرۋېرلدنىڭ كوماندىدىكى ئەھۋالىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، ئەگەر كوماندا ئۇنىڭ بىلەن توختام ئۇزارتىش ماددىسىنى قوزغاتسا ئۇنداقتا، ئۇنىڭ كوماندا بىلەن بولغان 25 مىليون فوندستېرلىڭلىق توختامغا خىلاپلىق قىلىش ماددىسى ئىناۋەتلىك كۈچكە ئىگە بولىدۇ، بىراق توتتېنھام كوماندىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ يۆتكىلىش ھەققىگە ئېرىشىشنى خالايدۇ، بۇ بېلگىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ توپچىسى ئۆتكەن 11-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە پەقەت ئالتە مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، ئۇنى قوشۇۋېلىشنى خالايدىغان كوماندىلار بۇ يىل يازدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ ئىپادىسىگە قاتتىق دىققەت قىلىدۇ.

لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن چۈشكەن مۇسابىقىدىن كېيىن پوچېتتىنو كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كوماندىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پوچېتتىنو ھەم ئۆزىنىڭ كوماندىنىڭ يۆتكىلىش ئىشىلىرىدا ئازىراق ھوقۇقىنىڭ بولۇشىنى خالايدۇ. كوماندىنىڭ رەئىسى بولسا قىممىتى بار ياش توپچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق پوچېتتىنو بولسا تەجرىبىسى مول بولغان توپچىنى قوشۇۋېلىشنى خالايدۇ.

1122837268_1526388183867_title0h.jpg
1122837267_1526388125507_title0h.jpg
U020180512497194297709.jpg
W020180512498444277329.jpg