مىباپپې مەشىق جەريانىدا رامى بىلەن سوقۇلۇپ يارىلاندى
0
2017-09-03 01:03:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

فرانسىيە تاراتقۇسى «كوماندا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى مىباپپې كوماندىنىڭ مەشىقى جەريانىدا مۇداپىئەچى رامى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىش سەۋەبلىك ئوشۇقى يارىلانغان، نۆۋەتتە يارىسىنىڭ قانداقلىقى تېخى ئېنىقلانمىغان.

بۈگۈن فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كوماندا مەشىقىدە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى مىباپپې مارسېل كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەچىسى رامى بىلەن بىر قېتىملىق توپ تالىشىش جەريانىدا يارىلانغان، بۇ قېتىمقى يارىلىنىش مىباپپېنى بىۋاستە كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە بېرىپ، يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا يارىسىنى تەكشۈرتۈشكە مەجبۇر قىلغان، تەپسىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى توپ تالىشىشتا مىباپپېنىڭ سول پۇتىنىڭ ئوشۇقى يارىلانغان، نۆۋەتتە مىباپپېنىڭ يارىسى ھەققىدە ئورگان تورى ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىككى نەپەر يارىدار ئۇمتىتى بىلەن سىدىبې يەنىلا داۋاملىق ئايرىم مەشىق قىلىش ھالىتىدە بولۇپ، بۇ يارىدارلار ھەققىدە تور بېكىتىمىز يەنە داۋاملىق يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.