تېۋاس: رونالدو بىلەن گىرېزمان ئۆز كوماندىسىدىن ئايرىلمايدۇ
0
2018-06-13 15:11:30
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە كىرىستىيانو رونالدو بىلەن گىرېزماننىڭ يۆتكىلىش مەسىلىسى ھەممە كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىغا ئايلاندى، ئىككەيلەن نۆۋەتتە تۈرلۈك يۆتكىلىش خەۋەرلىرى بىلەن باغلىنىپ قالغان بولۇپ، لېكىن ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تېۋاس ئىككەيلەننىڭ ئۆز كوماندىسىدا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تېۋاس مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە كىرىستىيانو رونالدو خانلىق مادرىدتا قالىدۇ، گىرېزمانمۇ مادرىد ئاتلېتكىدا قالىدۇ». ئۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ باشقا بىرلەشمىگە كېتىشىنىڭ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە كەلتۈرىدىغان تەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كىرىستىيانو رونالدونىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش مەسىلىسىگە قارىتا، ئەگەر تولۇق نومۇر 10 نومۇر بولسا، مەن پەقەت بەش نومۇرلۇق ياكى تۆت نومۇرلۇقئەندىشىدە، بۇنىڭ تەسىرى ئۇنچە چوڭ بولمايدۇ، بىزدە ھازىر تېخىمۇ كۆپ قالتىس توپچىلار بار.»

گەرچە كىرىستىيانو رونالدونىڭ خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن تېۋاس يەنىلا ئۇنىڭ ئىسپانىيەدە قالىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. كىرىستىيانو رونالدو ھازىر پورتۇگالىيە بىلەن ئوينىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا باسقۇچى مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلماقتا.