خانلىق مادرىد لوپېتېگۇنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققىنى تۆلەيدۇ
0
2018-06-13 13:39:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

خانلىق مادرىد كۇلۇبى ئورگان تورى ئارقىلىق ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ترېنېرى لوپېتېگۇنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كېيىن خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ترېنېر بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئورگان تورى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ لوپېتېگۇنىڭ توختامىدا بەلگىلەنگەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى تۆلەيدىغانلىقىنى، لوپېتېگۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كېيىن، يەنە ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ترېنېرى بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى يەنە بۇ ئىش سەۋەبلىك ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ كەيپىياتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىنى، كوماندىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ترېنېرى لوپېتېگۇ بىلەن ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لۇئىس رۇبىيالېس (Luis Rubiales) بىرلىكتە مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى «ماركا گېزىتى» ۋە «دۇنيا تەنتەربىيىسى گېزىتى»نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا لوپېتېگۇنىڭ توختامىدا بەلگىلەنگەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسى ئىككى مىليون ياۋرو ئىكەن.