مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن خانلىق مادرىد مىباپپېنى تالاشماقچى
0
2018-06-24 17:51:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

ئەنگلىيە تاراتقۇسى «ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى فرانسىيەلىك ياش ھۇجۇمچى مىباپپېنى تالىشىش جېڭىگە قوشۇلۇشقا تەييارلانغان بولۇپ، ئۇلار مانچېستېر شەھىرى ۋە خانلىق مادرىد قاتارلىق كوماندىلار بىلەن مىباپپېنى قوشۇۋېلىش ئۈستىدە «جەڭ» ئېلىپ بارىدۇ.

19 ياشلىق مىباپپې ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە موناكودىن پارىژ سانت گېرمانغا ئىجارە شەكلىدە قوشۇلغان بولۇپ، رەسمىي سېتىۋېلىش باھاسى 166 مىليون فوندستېرلىڭغا يېتىدۇ. لېكىن، پارىژ سانت گېرمان نېيمارنىمۇ يۇقىرى باھا بىلەن قوشۇۋالغانلىقى سەۋەبلىك ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مالىيە ئادىللىق قانۇنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يولۇققان بولۇپ، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بايقالسىلا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، شۇنداقلا زور جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن. ئىگىلىنىشىچە، مانچېستېر بىرلەشمىسى ھازىر پارىژ سانت گېرماننىڭ موناكودىن مىباپپېنى قوشۇۋېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە يولۇققان مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، شۇنداقلا مىباپپېنىڭ ۋاستىچىسىگە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ياش تالانتلىق توپچىنى قوشۇۋېلىش ئويى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

مانچېستېر بىرلەشمىسى مىباپپېنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن مارشالنى بۇ سودىغا كىرگۈزمەكچى بولغان بولۇپ، مارشالنىڭ باھاسى 80 مىليون فوندستېرلىڭغا يەتكەن. بۇنداق بولغاندا، ئەگەر پارىژ سانت گېرمان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا موناكودىن مىباپپېنى رەسمىي قوشۇۋالالمىسا، ئۇنداقتا مانچېستېر بىرلەشمىسى مارشالغا 86 مىليون فوندستېرلىڭ قوشۇپ مىباپپېنى سېتىۋالىدۇ.

مانچېستېر شەھىرىنىڭ باش ترېنېرى گۇردىئولامۇ فرانسىيەلىك بۇ ياش توپچىنى قوشۇۋالماقچى بولۇپ، خانلىق مادرىدمۇ ئۇزاقتىن بۇيان مىباپپېنى نىشانلاپ كەلگەن.

 

U020180622364659605556.jpg
1123018251_1529589775128_title0h.jpg
U020180622362188778408.jpg
W020180619371876265519.jpg