فرانسىيە بىلەن بېلگىيەنىڭ مۇسابىقىسىدىكى مۇنەۋۋەر ماھىر-ئۇمتىتى
0
2018-07-11 15:33:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر ئاخىرلاشقان 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە فرانسىيە كوماندىسى 0:1 نەتىجە بىلەن بېلگىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، مۇسابىقىدىن كېيىن فرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا بېكى ئۇمتىتى ئورگان تورى تەرىپىدىن بۇ مۇسابىقىدىكى مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالاندى.

ئۇمتىتى بۇ مۇسابىقىدە فرانسىيە كوماندىسىنىڭ توپ كەتكۈزمەي، بېلگىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق تۆھپىكارىغا ئايلانغان، بۇ مەيدان مۇسابىقە 51 مىنۇت بولغاندا ئۇمتىتى قاپقا ئالدىدا گىرېزمان باشلىغان بۇلۇڭ توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى.

ئۇمتىتى يەنە فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ 2006-يىللىق گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويۇشى ئۈچۈن تۆھپە كۆرسەتكەن.

بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدىن ئۈچ نەپەر بېك توپ كىرگۈزۈشنى تاماملىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن پاۋارد بىلەن ۋارانى ھەر ئىككىسى توپ كىرگۈزگەن.

فرانسىيە دۆلەت كوماندىسى بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ سائەت 23:00دە بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەقىبى بولسا، ئەتە سەھەر ئوينايدىغان كرودىيە كوماندىسى بىلەن ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە غەلبە قىلغان كوماندا بولۇپ، شۇ ئىككى كوماندا بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىدۇ.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg