ئورگان تورى: كىرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا قوشۇلدى
0
2018-07-11 15:50:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

پۇتبول دۇنياسىدا يەر تەۋرىدى! خانلىق مادرىد گىگانت توپچىسى كىرىستىيانو رونالدو رەسمىي ھالدا ئىتالىيە زەردارى يۇۋېنتۇسقا قوشۇلدى. كىرىستىيانو رونالدو خانلىق مادرىدتا توققۇز يىل توپ تەپكەن بولۇپ، بەش قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە تۆت قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ئۇ دۇنيا پۇتبولچىلىق تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر توپچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ!

خانلىق مادرىد ئورگان تورى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇ يۇۋېنتۇسقا قوشۇلۇشقا ماقۇل بولدى. خانلىق مادرىد كىرىستىيانو رونالدوغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولدى، ئۇ كۇلۇب تارىخى ۋە پۇتبول تارىخىدا بىر ئۇلۇغ دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلدى.»

«ئاسمان تەنتەربىيەسى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىرىستىيانو رونالدونىڭ يۆتكىلىش سوممىسى 105 مىليون ڢوندستېرلىڭ بولۇپ، لېكىن «ماركا گېزىتى» يۆتكىلىش سوممىسىنىڭ 105 مىليون ياۋرو ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە، كىرىستىيانو رونالدونىڭ يۇۋېنتۇستىكى يىللىق مائاشى 30 مىليون ياۋرو ئىكەن.

كىرىستىيانو رونالدو 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ خانلىق مادرىدتىكى كەلگۈسىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، پورتۇگالىيە كوماندىسى رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىدىن شاللىنىپ كەتكەندىن كېيىن (7-ئاينىڭ 1-كۈنى)، «تورىن تەنتەربىيە گېزىتى» يۇۋېنتۇسنىڭ كىرىستىيانو رونالدونىڭ ۋاستىچىسى مېندېس بىلەن يۆتكىلىش ئۈستىدە سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. مانا ئەمدى بۇنىڭ ئاخىرقى ڄاۋابى چىقتى، يەنى كىرىستىيانو رونالدو 2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ يۇۋېنتۇسنىڭ مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىدۇ!

يۇۋېنتۇس 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئىتالىيە ئا دەرىڄىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئۇدا يەتتە قېتىم چېمپىيون بولۇشتەك شانلىق نەتىڄىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، لېكىن 1995/1996-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولۇپ باقمىغان، «ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى شاھى» كىرىستىيانو رونالدونىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى سەھنىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى دەل يۇۋېنتۇس ئېھتىياڄلىق بولۇپ كېلىۋاتقان ئىپادە ھېسابلىنىدۇ.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg