مانزۇكىچ كىرگۈزگەن توپ ھەر ئىككى دۆلەت كوماندىسىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
0
2018-07-12 16:48:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر ئوينالغان بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كرودىيە كوماندىسىدىن مانزۇكىچ ئۇزارتىلغان مۇسابىقىگە قەدەم قويۇپ، مۇسابىقە باشلىنىپ 108 مىنۇت بولغاندا بىر توپ كىرگۈزۈپ، كرودىيە كوماندىسىنى ئاخىرقى غەلبىگە ئېرىشتۈردى.

كرودىيە كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، پېرىسىچ چەكلەنگەن رايون سىرتىدا كاللا توپ بىلەن قاپقا ئالدىغا پاس تاشلىدى، ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەچىلىرى ستونىس بىلەن ماگۈيرېنىڭ ئوتتۇرىسىدا پۇرسەت كۈتۈۋاتقان مانزۇكىچ چاققانلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مانزۇكىچنىڭ ئالدىدا تۇرغان ستونىسمۇ دەرھاللا مانزۇكىچنىڭ توپ تېپىشىنى توسالماي قالدى، كرودىيە كوماندىسى بۇ توپ بىلەن دۆلەت كوماندىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم چېمپىيونلۇقنى تالىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

مانزۇكىچنىڭ كىرگۈزگەن بۇ توپى كرودىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ كېيىن كىرگۈزگەن توپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كېيىن كەتكۈزگەن توپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ توپنىڭ كىرىشى بىلەن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ كوماندا تارىخىدا يېڭىدىن بىر رېكورت يارىتىلدى.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg