كرودىيە كوماندىسى تارىختا تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
0
2018-07-12 17:14:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى تولۇق ئاخىرلاشتى، كرودىيە كوماندىسى ئۇزارتىلغان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈش بىلەن ئېنگلاند كوماندىسىنى شاللاپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويدى، بۇنىڭ بىلەن كرودىيە كوماندىسى يەنە بەزىبىر يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

كرودىيەنىڭ ئومۇمىي دۆلەت نوپۇسى تۆت مىليون 200 مىڭ بولۇپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا 1930- يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئۇرۇگۋاي كوماندىسىدىن كېيىن، نوپۇسى ئەڭ ئاز ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا قەدەم قويغان كوماندىغا ئايلاندى، ئەينى چاغدا ئۇرۇگۋاينىڭ دۆلەت نوپۇسى بىر مىليون 900 مىڭ نەپەر ئىكەن، ئارانلا تۆت مىليون 200 مىڭ نوپۇسقا ئىگە كرودىيەنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم باسالىشىنى ھەقىقەتەنمۇ بىر مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ.

بۇمۇ كرودىيە كوماندىسىنىڭ كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم بېسىشى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرۇن، كرودىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 1998-يىلى فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئۈچىنچى بولۇشى ئىدى.

1998-يىلى كرودىيە كوماندىسى سۇكېرنىڭ باشلامچىلىقىدا قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا قەدەم قويغان، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گەرچە سۇكېر باشتا بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما فرانسىيە كوماندىسىدىن تۇرامنىڭ ئىكك

توپ كىرگۈزۈشى بىلەن ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرىش پۇرستىدىن مەھرۇم بولغان، ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش جېڭىدە 1:2 نەتىجە بىلەن گوللاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈچىنچى بولغان.

2018-يىلى كرودىيە كوماندىسى مودرىچ، راكىتىچ، مانزۇكىچ، پېرىسىچ قاتارلىق ماھىرلارنىڭ باشلامچىلىقىدا كرودىيەنىڭ يېڭى ئالتۇن دەۋرىنى يارىتىپ، كوماندا تارىخىدا تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا قەدەم قويدى.

بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا كرودىيەنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويۇشتىكى سەپىرى ئىنتايىن جاپالىق بولغان بولۇپ، گەرچە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە ئوڭۇشلۇق چىققان بولسىمۇ، ئەمما 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە دانىيە كوماندىسى بىلەن 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىپ، ئۇزارتىلغان مۇسابىقىگە قەدەم باسقان، 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە مەيدان نەتىجىسى ئۆزگەرمىگەچ، نۇقتا توپ جېڭىدە 3:4 نەتىجە بىلەن دانىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان. چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ساھىبخان رۇسىيە كوماندىسى بىلەن كەسكىن ئېلىشقان، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىپ، ئۇزارتىلغان مۇسابىقىگە قەدەم قويغان، 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 2:2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ، نۇقتا توپ تېپىشىش ئارقىلىق 5:6 نەتىجە بىلەن رۇسىيە كوماندىسىنى شاللاپ، يېرىم ھەل قىلغۇچقا قەدەم باسقان.

يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئېنگلاند كوماندىسى بىلەن قاتتىق تىركىشىپ، يەنە شۇ ئۇزارتىلغان مۇسابىقە ئويناش جەريانىدا مانزۇكىچنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن ئېنگلاند كوماندىسىنى شاللاپ، چېمپىيونلۇقنى تالىشىش جېڭىگە قەدەم قويدى.

دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇدا ئۈچ مەيدان ئۇزارتىلغان مۇسابىقە ئوينىغان كوماندىدىن پەقەت ئىككىسىلا بار بولۇپ، بىرى ھازىرقى كرودىيە كوماندىسى، يەنە بىرسى بولسا 1990-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئېنگلاند كوماندىسى.

بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ سائەت 23:00دە، كرودىيە كوماندىسى بىلەن فرانسىيە كوماندىسى 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىدۇ.

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg