بۇففون: مىباپپې پېلى، مارادونا، رونالدو ۋە مېسسىدەك توپچى بولالايدۇ
0
2018-08-08 15:45:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

يېقىندا بۇففون پارىژ سانت گېرمان ئورگان تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا يېڭى سەپداشلىرى ئۈستىدە توختالغان.

بۇففۇن مۇنداق دېگەن: «مەن يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىزچىل پارىژ سانت گېرمانغا دىققەت قىلىپ كەلدىم، مەن ئىلگىرى ۋېرراتتى ۋە سىرىگۇ بىلەن پاراڭلىشىپ باققان، مەن ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق كۈچلۈك كوماندىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغان. كېيىن مەن پارىژ سانت گېرماننىڭ يېقىنقى ئالتە يىل ئىچىدە ئاندىن كۈچلۈك كوماندىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدىم، شۇڭا كوماندا ۋاقىتقا موھتاج، لېكىن كۈچلۈك كوللېكتىپ، ئىتتىپاقلاشقان كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى ۋە قالتىس باش ترېنېر بۇ ۋاقىتنى قىسقارتالايدۇ.»

«مەن ھازىرمۇ رىقابەت كۈچىگە تولغان توپچى، مەن يېڭى سەپداشلىرىمغا كۆپلىگەن ياردەملەرنى بېرەلەيمەن. بىز ئورتاق نىشانغا موھتاج، ئىتتىپاقلىشىپ غەلىبە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.»

ئۇ مىباپپې توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى چېللىنى ۋە بارزاگلى بىلەن ئۇ توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باققان، بىز ئۇنى دەرىجىدىن تاشقىرى توپچى بولالايدۇ دەپ قارايمىز، ئەگەر ئۇ ئەستايىدىل ھالدا نىشانى ئۈچۈن تىرىشسا، ئۇنداقتا ئۇ پېلى، مارادونا، كىرىستىيانو رونالدو ۋە مېسسىغا ئوخشاش مەشھۇر توپچى بولالايدۇ.»

«ئارېئولا؟ ئۇ ئىنتايىن قالتىس قاپقىچى، ئۇنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە پارتلاش كۈچى ماڭا دوننارۇممانى ئەسلەتتى، ئۇنىڭ كەلگۈسى پارلاق.»

U020180808360731080604.jpg
U020180808358972124415.jpg
U020180803391945811101.jpg