مارادونا: دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش ترېنېر نامزاتلىقىغا كىرەلمىگەنلىكىمدىن ئۈمىدسىزلەندىم
0
2018-08-08 15:52:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

سامپاۋلى ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسى ئىزچىل باش ترېنېر ئىزدەۋاتقان بولۇپ، «ئارگېنتىنا پۇتبول شاھى» مارادونا ئۆزىنىڭمۇ نامزاتلىققا كىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مارادونا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ غەزىپىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئارگېنتىنا تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇنى يېڭى باش ترېنېر نامزاتلىقىغا كىرگۈزمەسلىكى ئۇنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

مارادونا مۇنداق دېدى: «دۆلەت كوماندىسىغا بولغان ھۆرمەت ئاساسىدا، بەزى تاراتقۇلارنىڭ مېنى باش ترېنېر نامزاتلىقىغا كىرگۈزمەسلىكى مېنى غەزەپلەندۈردى. چارلېس فاۋكېس (ئارگېنتىنالىق مۇخبىر) ھەتتا مېنى نامزاتلار قاتارىغىمۇ كىرگۈزمەپتۇ.»

«مەن ئۇنىڭ مۇخبىرلىقنى باشلىغاندا توپ تېپىۋاتقانلىقىم ئېسىمدە، لېكىن ئۇ ھازىر مېنى تونۇماس بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. مەن ئارگېنتىنادىكى گېزىتلەرنىڭمۇ مېنى نامزاتلار قاتارىغا كىرگۈزمەسلىكىدىن ئۈمىدسىزلەندىم، ئۇلار كۆپلىگەن سابىق باش ترېنېرلارنى نامزاتلىققا كۆرسەتتى، لېكىن مەن يوق. بۇ بىزنىڭ ئارگېنتىنانىڭ تەنتەربىيە خەۋىرى، شۇڭا مەن بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىمەن.»

U020180808360731080604.jpg
U020180808358972124415.jpg
U020180803391945811101.jpg