AC مىلان مەخپىي ھالدا چوڭ سودىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ
0
2018-08-09 14:52:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئىتالىيە تاراتقۇسى «مىلان خەۋەر تورى»نىڭ داڭلىق مۇخبىرى ئانتونىئونىڭ بىلدۈرۈشىچە، AC مىلان ھازىر مەخپىي ھالدا چوڭ سودىغا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.

AC مىلان يېقىندىن بۇيان چېلسى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى باكايوكو بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، باكايوكونىڭ ۋاستىچىسى AC مىلاننىڭ باش شىتابىغا بېرىپ AC مىلان يۇقىرى قاتلىمى بىلەن كۆرۈشكەن. ئىگىلىنىشىچە، باكايوكودىن باشقا، AC مىلان يەنە بىر چوڭ سودىنى مەخپىي كېڭىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بۇ يىل يازدىكى ئەڭ چوڭ سودىسى ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر قېتىم ۋاستىچىلار مىلان باش شىتابىغا كىرگەندە «مىلان خەۋەر تورى»نىڭ مۇخبىرلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەردار بولىدىغان بولۇپ، لېكىن بۇ قېتىم ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغان. ئانتونىئونىڭ بىلدۈرۈشىچە، AC مىلان يۇقىرى قاتلىمىدىكى لېئوناردو بىلەن مالدىنى ئىنتايىن مەخپىي بىر سودىنى يۈرگۈزىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئوتتۇرا مەيدان ياكى يان ھۇجۇمچىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن ۋاستىچىلار AC مىلان باش شىتابىغا بارغان بولۇپ، لېكىن كىرىپ-چىقىش جەريانىدا چىرايىنى كۆرسەتمىگەن، بەزى چوڭ ئىشلار يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا.

U020180808360731080604.jpg
U020180808358972124415.jpg
U020180803391945811101.jpg