ۋاڭ شۇاڭ پارىژ ساينت گېرمان ئاياللار پۇتبول كوماندىسىدا تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزدى
0
2018-09-12 10:30:00
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

ئېلىمىزنىڭ پۇتبول ماھىرى ۋاڭ شۇاڭ پارىژ ساينت گېرمان كۇلۇبىنىڭ ئاياللار پۇتبول كوماندىسىغا كىرگەندىن كېيىن 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ توپ كىرگۈزدى، پارىژ ساينت گېرمان ئاياللار پۇتبول كوماندىسى 1 گە قارشى 5 نەتىجىدە پارىژ كوماندىسىنى يەڭدى.

ۋاڭ شۇاڭ ئېلىمىز ئاياللار پۇتبول كوماندىسىدا جاكارتا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ھەپتىدە پارىژساينت گېرمان ئاياللار پۇتبول كوماندىسىغا باردى ھەمدە كوماندىغا ۋەكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 39 مىنۇت بولغاندا ۋاڭ شۇاڭ چەكلەنگەن رايوننىڭ سىرتىدىن بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تالانتىنى جارى قىلدۇردى.

 

1.jpg
微信图片_2.jpg
1123396771_1536314358909_title0h.jpg
1123397530_1536333595423_title0h.jpg
U020180908395071640120.jpg