شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ
0
2018-09-12 10:33:00
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدا بۇ يىل يازدا ماھىر كەمچىل بولغانلىقتىن، نورمال مەشقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ياشلار كوماندىسى ماھىرلىرى يۆتكەپ ئىشلىتىلدى. ھازىر دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ماھىرلار كوماندىغا قايتتى، چەت ئەللىك ماھىرلارمۇ قايتىپ كېلىپ، شىنجاڭ كوماندىسى مۇكەممەل بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. 10-ئاينىڭ 20-كۈنى باشلىنىدىغان يېڭى مۇسابىقە پەسلىلىك CBA (جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى) غا تېخىمۇ ياخشى تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ كوماندىسى نىڭشيا ۋە ئاۋمېنغا بېرىپ بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

 

1.jpg
微信图片_2.jpg
1123396771_1536314358909_title0h.jpg
1123397530_1536333595423_title0h.jpg
U020180908395071640120.jpg