كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ توپ تېپىش ۋاقتى رەت تەرتىپىدە خانلىق مادرىد بىرىنچى
0
2018-10-10 18:36:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۋېتسارىيە «پۇتبول رەسەتخانىسى» (CIES) يېقىندا بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ياۋروپادىكى 31 دۆلەت پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى كوماندا توپچىلىرىنىڭ سادىقلىق دەرىجىسى ھەققىدە ستاتىستىكا ۋە تەھلىل ئېلىپ بارغان. ستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى بولسا خانلىق مادرىد بولغان، ئۇلارنىڭ توپچىلىرىنىڭ كوماندا ئۈچۈن توپ تېپىش ۋاقتى ئوتتۇرىچە ھېساپتا 5.84 يىل بولغان ئۇلارنىڭ كەينىگە تىزىلغىنى بولسا بارسېلونا بولۇپ، ئۇلارنىڭ توپچىلىرىنىڭ توپ تېپىش ۋاقتى ئوتتۇرىچە ھېساپتا 5.36 يىل بولغان.

بۇ سانلىق مەلۇمات شۇنى ئىسپاتلىدىكى خانلىق مادرىد يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە كوماندا سەپ شەكلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۆردى، راموسنىڭ كوماندا ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقىنىغا ئاللىقاچان 10 يىلدىن ئېشىپ كەتتى، بېنزېمامۇ «سامان يولى جەڭ كېمىسى قوشۇنى»غا كەلگەن 10-يىلىغا قەدەم قويدى، كىرىستيانو رونالدو كوماندىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا خانلىق مادرىد ئۈچۈن توققۇز يىل كۈچ چىقاردى، بارسېلونامۇ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالنى بېشىدىن كەچۈردى، بەلكىم يۇقارقىغا ئوخشاش مۇقىملىقنى ساقلىيالىغانلىقى ئۈچۈن خانلىق مادرىد بىلەن بارسېلونا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا ئايلانغان بولۇشى مۇمكىن.

بۇ رەت تەرتىپتە ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى بولسا بايرېن مىيۇنخېن (5.26 يىل) بولۇپ، رەت تەرتىپتە تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى بولسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا پلزېن غەلبە (4.28 يىل) بىلەن كېلتىكلىقلار (4.25 يىل) بولغان، مادرىد ئاتلېتكا (4.17 يىل) نەتىجىسى بىلەن ئالتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە ئىچىدە مادرىد ئاتلېتكا تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.

تۆۋەندىكىسى بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسەن ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە ئىچىدە ھەرقايسى كوماندا توپچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ھېسابتىكى توپ تېپىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان 10 كوماندا تىزىملىكى:

1-خانلىق مادرىد: (ئىسپانىيە بىرلەشمىسى) 5.84 يىل

2-بارسېلونا: (ئىسپانىيە بىرلەشمىسى) 5.36 يىل

3-بايرېن مىيۇنخېن (گېرمانىيە بىرلەشمىسى) 5.26 يىل

4-مادرىد ئاتلېتكا (ئىسپانىيە بىرلەشمىسى) 4.17 يىل

5-توتتېنھام (ئېنگلاند بىرلەشمىسى) 3.89 يىل

6-بىلباۋ ئاتلېتكا (ئىسپانىيە بىرلەشمىسى) 3.80 يىل

7-مانچېستېر بىرلەشمىسى (ئېنگلاند بىرلەشمىسى) 3.72 يىل

8-مونشېنگلادباخ (گېرمانىيە بىرلەشمىسى) 3.48 يىل

9-ناپولى (ئىتالىيە بىرلەشمىسى) 3.43 يىل

10-بوۋرنېموۋس (ئېنگلاند بىرلەشمىسى) 3.37 يىل

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كوماندىدىكى توپچىلىرىنىڭ ئالمىشىش ۋاقتى ئەڭ تېز بولغان كوماندا، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى پارما كوماندىسى (0.6 يىل)، ئۇنىڭ كەينىگە تىزىلغىنى فرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى كائېن كوماندىسى ئىكەن، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى خېئۇسكا كوماندىسى تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، خانلىق بېتىس كوماندىسى يەتتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.

1.jpg
00350510100_i1000420000277be_1a68d0c6.jpg
U020181009380840388701.jpg
U020181009381637806708.jpg
a01.jpg