سالاھ تارىختىن بۇيان ئالتۇن توپ نامزاتى قاتارىغا كىرگەن 18-ئافرىقىلىق توپچىغا ئايلاندى
0
2018-10-10 19:03:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

يېقىندا «فرانسىيە پۇتبولى» ژورنىلى، 2018-يىللىق «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنىڭ 30 كىشىلىك نامزاتلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇ 30 كىشىلىك نامزات ئىچىدە، ئىككى نەپەر ئافرىقىلىق پۇتبولچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى تۇنجى قېتىم 30 كىشىلىك نامزاتلار قاتارىغا تاللانغان، ئۇ بولسىمۇ مىسىرلىق ھۇجۇمچى سالاھ. سالاھنىڭ لىۋېرپولدىكى سەپدىشى مانېمۇ 30 كىشىلىك نامزاتلار قاتارىغا تاللانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆتكەن يىلىمۇ 30 كىشىلىك نامزاتلار قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، ئاخىرقى رەت تەرتىپى 23-ئورۇنغا تىزىلغان، سالاھ تارىختىن بۇيان ئالتۇن توپ نامزاتى قاتارىغا كىرگەن 18-ئافرىقىلىق توپچىغا ئايلانغان.

تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى قاتارىغا كىرگەن تۇنجى ئافرىقىلىق پۇتبولچى لىبېرىيەلىك گىئورگى ۋېيئاھ بولۇپ، 1995-يىلى تۇنجى قېتىم نامزاتلىققا تاللىنىپ، شۇ يىلى «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ ئەينى چاغدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، پارىژ سانت گېرمان ۋە AC مىلان كوماندىلىرىدا توپ تەپكەن، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى يولغا قويۇلۇپ تاكى ھازىرغىچە، بىردىنبىر بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئافرىقىلىق توپچى ۋېيئاھ بولۇپ، 1996-يىلى نامزاتلار قاتارىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا 12-ئورۇنغا تىزىلغان، ئۇنىڭ ئالدىغا تىزىلغىنى بولسا، نېگىرىيەلىك توپچى كانۇ.

ئافرىقىلىق توپچىلار ئىچىدە ئىككى نەپەر ماھىر «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى نامزاتلىرى قاتارىغا ئەڭ كۆپ تاللانغان بولۇپ، ئۇلار ئېتو بىلەن دېروگبا، جەمئىي سەككىز قېتىمدىن نامزاتلار قاتارىغا كىرگەن، ئۇلارنىڭ كەينىگە تىزىلغىنى بولسا، يايا تورى ئۇ بەش قېتىم تاللانغان، ۋېيئاھ بولسا پەقەت ئىككى قېتىملا تاللانغان.

ئافرىقىلىق توپچىلارنىڭ «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى نامزاتلار قاتارىغا تاللىنىش سانى تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

دېروگبا (كوتېدېۋا، جەمئىي سەككىز قېتىم نامزاتلىققا سايلانغان) 2004-يىلى 17-ئورۇنغا تىزىلغان، 2005-يىلى 14-بولغان، 2006-يىلى 8-بولغان، 2007-يىلى 4-بولغان، 2008-يىلى 21-بولغان، 2009-يىلى 9-بولغان، 2010-يىلى 9-بولغان، 2012-يىلى 8-بولغان.

ئېتو (كامېرون، جەمئىي سەككىز قېتىم نامزاتلىققا سايلانغان) 2004-يىلى 15-ئورۇنغا تىزىلغان، 2005-يىلى 10-بولغان، 2006-يىلى 6-بولغان، 2007-يىلى 30-بولغان، 2008-يىلى 17-بولغان، 2009-يىلى 5-بولغان، 2010-يىلى 12-بولغان، 2011-يىلى 8-بولغان.

يايا تورى (كوتېدېۋا، جەمئىي بەش قېتىم نامزاتلىققا سايلانغان) 2009-يىلى 28-بولغان، 2012-يىلى 12-بولغان، 2013-يىلى 12-بولغان، 2014-يىلى 14-بولغان، 2015-يىلى 12-بولغان.

ئاۋبامېياڭ (گابون، ئىككى قېتىم تاللانغان) 2016-يىلى 11-ئورۇنغا تىزىلغان، 2017-يىلى 21-بولغان.

ئېسسېن (گانا ئىككى قېتىم تاللانغان) 2005-يىلى 22-ئورۇنغا تىزىلغان، 2007- يىلى 24-بولغان.

كانۇ (نېگىرىيە ئىككى قېتىم تاللانغان) 1996-يىلى 11-ئورۇنغا تىزىلغان، 1999- يىلى 23-بولغان.

گىئورگى ۋېيئاھ (لىبىرىيە، ئىككى قېتىم تاللانغان) 1995-يىلى 1-بولغان، 1996- يىلى 12-ئورۇنغا تىزىلغان.

ئادېبايور (توگو، بىر قېتىم تاللانغان) 2008-يىلى 12-ئورۇنغا تىزىلغان.

دىئۇف (سېنگال، بىر قېتىم تاللانغان) 2002-يىلى 21-ئورۇنغا تىزىلغان.

فىنىدى (نېگىرىيە، بىر قېتىم تاللانغان) 1995-يىلى 21-ئورۇنغا تىزىلغان.

گيان (گانا، بىر قېتىم تاللانغان) 2010-يىلى 18-ئورۇنغا تىزىلغان.

ئىكپېبا (نېگىرىيە، بىر قېتىم تاللانغان) 1997-يىلى 32-ئورۇنغا تىزىلغان.

كانۇت (مالى، بىر قېتىم تاللانغان)2007-يىلى 11-ئورۇنغا تىزىلغان.

ماھرېز (ئالجىرىيە، بىر قېتىم تاللانغان) 2016-يىلى 7-ئورۇنغا تىزىلغان.

مانې (سېنگال، بىر قېتىم تاللانغان) 2017-يىلى 23-ئورۇنغا تىزىلغان.

يېبوئاھ (گانا، بىر قېتىم تاللانغان) 1995-يىلى 23-ئورۇنغا تىزىلغان.

1.jpg
00350510100_i1000420000277be_1a68d0c6.jpg
U020181009380840388701.jpg
U020181009381637806708.jpg
a01.jpg