نېيمار بىرلەشمە مۇسابىقىدە 12 توپ ياسىدى
0
2018-10-10 19:12:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بۇ پەسىل باشلىنىپ ھازىرغىچە نېيمارنىڭ فرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى كىرگۈزگەن توپىنىڭ سانى ھەم ياردەمچى پاسنىڭ سانى بەش چوڭ بىرلەشمىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بۇ تەرەپتىن ئۇ مېسسى، كىرىستىيانو رونالدو، خازارد قاتارلىق توپچىلاردىن ئېشىپ كەتكەن.

نېيمار ھۇجۇم سېپىدىكى ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى مىباپپېنىڭ ياردىمىدە بىرلەشمە مۇسابىقىدە سەككىز توپ كىرگۈزۈپ تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن، پارىژ سانت گېرمانمۇ بۇ ئىككى نەپەر تالانتلىق توپچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۇدا توققۇز مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.

نېيماردىن باشقا مېسسىمۇ بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئالتە توپ كىرگۈزۈپ تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن، كىرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇستا قىسقا مۇددەت توپ كىرگۈزەلمىگەندىن كېيىن ھازىر ئۇ يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن تۆت توپ كىرگۈزۈپ تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە خازارد چېلسىغا ۋاكالىتەن يەتتە توپ كىرگۈزۈپ ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن، گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە دورتموندنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان بولۇپ رېئۇس، پاكو، سانچو قاتارلىق توپچىلار كوماندىغا زور تۆھپە قوشتى، بۇنىڭ ئىچىدە رېئۇس بىرلەشمە مۇسابىقىدە دورتموندقا ۋاكالىتەن تۆت توپ كىرگۈزۈپ ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن، پاكو بولسا گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە جەمئىي ئالتە توپ كىرگۈزۈپ مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە ئەڭ ئالدىدا تۇرماقتا، سانچومۇ ھازىرغا قەدەر جەمئىي ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.

1.jpg
00350510100_i1000420000277be_1a68d0c6.jpg
U020181009380840388701.jpg
U020181009381637806708.jpg
a01.jpg