سۇئارېز بىلەن روبېرتو ساقىيىپ مەيدانغا قايتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ
0
2018-10-11 18:33:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

يېقىنقى تۆت ئايلانما ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە بارسېلونا ئۇدا غەلبە قىلالمىدى. خەلقئارالىق مۇسابىقە كۈنىدىن كېيىن بارسېلونا يەنە ئارقىمۇ ئارقىدىن سېۋىللا ۋە خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئەمما كوماندىغا نىسبەتەن خۇشخەۋەر شۇكى، يارىلىنىش سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان سۇئارېز بىلەن روبېرتو پات يېقىندا ساقىيىپ مەيدانغا قايتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى بارسېلونادا توپچىلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئىغىر بولۇپ، سۇئارېز، روبېرتو ۋە ئۇمتىتى قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالار يارىلىنىش سەۋەبىدىن مەيدانغا چىقالمىغانىدى. خەلقئارالىق مۇسابىقە كۈنىدىن كېيىن سېۋىللا بىلەن بارسېلونا ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە سۇئارېز بىلەن روبېرتو مەيدانغا چىقالايدۇ.

ئەگەر بارسېلونا سېۋىللا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلىسە، ئۇلار ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى جۇغلانما نومۇر رەت تەرتىپىدە قايتىدىن بىرىنچى ئورۇنغا چىقىدۇ، يېقىنقى نەچچە مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۇدا غەلبە قىلالماسلىق بارسېلونانى رىغبەتلەندۈرىدىغان ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

سۇئارېزنىڭ ئىلگىرى ئوڭ تىزى يارىلانغانىدى، ئىككى ھەپتىلىك داۋالاشتىن كېيىن ئۇنىڭ پۇتىدىكى يارا خېلىلا ئەسلىگە كەلدى، ئىگىلىنىشىچە ئۇنىڭ تىزىدىكى يارا پۇت مۇسكۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

روبېرتو بولسا بىلباۋ ئاتلېتكا بىلەن بارسېلونا ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە يارىلانغانىدى، ئىلگىرى روبېرتوغا ئىككى ھەپتىدە ئەسلىگە كېلىدۇ دەپ دىئاگنوز قويۇلغانىدى، ئەمدىلىكتە ئۇ مەشققە قايتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.

بارسېلونا بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئارقىمۇ ئارقىدىن سېۋىللا ۋە خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا سۇئارېز بىلەن روبېرتونىڭ ساقىيىپ مەيدانغا قايتىپ كېلىشى كوماندا ئۈچۈن چوڭ خۇشخەۋەر ھېسابلىنىدۇ.

1.jpg
111.jpg
00350510100_i1000420000277be_1a68d0c6.jpg
U020181009380840388701.jpg
U020181009381637806708.jpg