ۋاڭ شۇاڭ 2018-يىللىق ئاسىيا پۇتبول خانقىزى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
0
2018-11-29 15:12:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە، ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئومان پايتەختى مۇسكاتتا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلىتىمىز توپچىسى ۋاڭ شۇاڭ 2018-يىللىق ئاسىيا پۇتبول خانقىزى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ جۇڭگولۇق توپچىلارنىڭ 12 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بۇ شەرەپكە ئېرىشىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن 1999-يىلىدىكى سۇن ۋېن، 2003-يىلىدىكى بەي جيې ۋە 2006-يىلىدىكى ما شياۋشۈ قاتارلىقلار ئاسىيا پۇتبول خانقىزى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باققان، ۋاڭ شۇاڭ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۆتىنچى جۇڭگو توپچىسى ھېسابلىنىدۇ.

ۋاڭ شۇاڭنىڭ ئۆتكەن بىر يىلقى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتسى بولۇپ، ئۇ پارىژ سانت گېرمان ئاياللار كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن كۆپ قېتىم ھالقىلىق توپلارنى كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئاسىيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ مەرگەنلەر تىزىملىكىدە ئىككىنچى بولدى ھەمدە ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىردى.

111111111.jpg
33333333.jpg
4444444444444.jpg
222222222222.jpg
111111111.jpg