مېرتېنس ناپولىنىڭ ياۋروپا مۇسابىقىلىرى مەرگەنلەر شاھىغا ئايلاندى
0
2018-11-29 15:19:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ناپولى 1:3 نەتىجە بىلەن بېلگىراد قىزىل يۇلتۇزنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مۇسابىقىدە بېلگىيەلىك ھۇجۇمچى مېرتېنس ئىككى توپ كىرگۈزگەن ھەمدە كۆپلىگەن رېكورتلارنى يېڭىلىغان.

مېرتېنس بۇ مۇسابىقىدە ناپولىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى توپىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ناپولىغا ۋاكالىتەن چۈشكەن مۇسابىقىلىرىدە كىرگۈزگەن توپى 100گە يەتكەن ھەمدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىلىرىدىكى كىرگۈزگەن توپىمۇ 20گە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېرتېنس ياۋروپا مۇسابىقىلىرىدە ناپولى ئۈچۈن 19 توپ كىرگۈزگەن كاۋانىدىن ئېشىپ كوماندا تارىخىدىكى ياۋروپا مۇسابىقىلىرى مەرگەنلەر شاھىغا ئايلانغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ مېرتېنسنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن 10-توپى بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇمات بېلگىيەلىك توپچىلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنى مېرتېنس بېلگىيەلىك توپچىلار ئىچىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى.

111111111.jpg
33333333.jpg
4444444444444.jpg
222222222222.jpg
111111111.jpg