كىرىستيانو رونالدو چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا 100 مەيدان غەلبە قىلغان تۇنجى توپچىغا ئايلاندى
0
2018-11-29 15:25:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ بەشىنچى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە رونالدو بىر ياردەم پاس بېرىپ، يۇۋېنتۇسنىڭ 0:1 نەتىجە بىلەن ۋالېنسىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشىغا تۆھپە قوشتى، بۇ غەلبىدىن كېيىن، كىرىستيانو رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرىدە غەلبە قىلغان مەيدان سانى 100 مەيدانغا يەتكەن، بۇنىڭ بىلەن رونالدو ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى 100 مەيدان غەلبىگە ئېرىشكەن تۇنجى پۇتبولچىغا ئايلانغان.

كىرىستيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدا پورتۇگالىيە تەنتەربىيىسى، مانچېستېر بىرلەشمىسى، خانلىق مادرىد ۋە يۇۋېنتۇس كوماندىلىرىغا ۋاكالىتەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، بۇ جەريانىدا جەمئىي 157 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بەش قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

رونالدو چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى مۇسابىقىلەردە 121 توپ كىرگۈزۈشتەك قالتىس نەتىجە بىلەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەنگە ئايلانغان ھەم شۇنداقلا تاق مۇسابىقە پەسلىدە 17 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىسى بىلەن چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى تاق مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتى ياراتقان، كىرىستيانو رونالدو يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئۇدا ئالتە مۇسابىقە پەسلى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن شەرىپىگە ئېرىشكەن.

نۆۋەتتە رونالدو يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋالېنسىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا يەنە يېڭى بىر نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا تۇنجى بولۇپ يۈز مەيدان غەلبىگە ئېرىشكەن توپچىغا ئايلاندى.

111111111.jpg
33333333.jpg
4444444444444.jpg
222222222222.jpg
111111111.jpg