ئۆزىلنىڭ ئارسېنالدىكى كەلگۈسى تېخىچە ئېنىق ئەمەس
0
2018-11-29 15:32:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆزىلنىڭ ئارسېنالدىكى كەلگۈسى تېخىچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بەلكىم مېھمان مەيدانىدىكى كۆپلىگەن مۇسابىقىلەردە زاپاس ئەزا بولۇشى مۇمكىن.

ئارسېنالنىڭ ئالدىنقى مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە ئۆزىل قاتناشمىدى، ئېمېرى مۇسابىقىدىن بۇرۇن بۇ مۇسابىقىنىڭ بەدەن رىقابىتى ناھايىتى كۈچلۈك شۇڭا مەن شۇنداق قارار چىقاردىم، دېگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئېمېرى ئۆزىلنىڭ ئارسېنال 2:2 نەتىجىدە خىرۇستال ئوردا كوماندىسى بىلەن چۈشكەن مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىدىن قاتتىق نارازى بولغان، شۇڭا ئۇ يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى.

«ئەينەك گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئېمېرى توپچىلارنىڭ مەيداندىكى يۈگۈرۈش مۇساپىسىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويغان، بولۇپمۇ مېھمان مەيدانىدىكى مۇسابىقىدە ئۆزىلنىڭ مەيدانغا چىقالماسلىقىمۇ بىزگە شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ.

گەرچە ئۆزىل كوماندىدا 350 مىڭ فوندستېرلىڭ ھەپتىلىك مائاشقا ئېرىشىدىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مېھمان مەيدانىدا مۇسابىقىگە قاتنىشالماسلىقىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكى ناھايىتى ئايان، ئىگىلىنىشىچە، ئۆزىنىڭ مەيدانغا چىقالماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىل ناھايىتى ئېنىق بىلىدىكەن، گەرچە ئېمېرى بىلەن ئۆزىلنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى بولسىمۇ، بىراق ئارسېنالدىكى باشقا توپچىلار بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى دىققەت قىلىدۇ.

111111111111111.jpg
333333333333.jpg
111111111111111111.jpg
222222222222222.jpg
3333333333333.jpg