ئېنگلاند بىرلەشمىسى 18-ئايلانما: بۆرە كوماندىسى VS لىۋېرپول مۇسابىقىسىگە نەزەر
0
2018-12-21 17:08:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ 18-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە مولىنىكېس توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە يەتتىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بۆرە كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا رەت تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان لىۋېرپول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، بىرلەشمىدە ئىپادىسى قالتىس بولۇۋاتقان لىۋېرپول مېھمان مەيداندا، بۇ مۇسابىقە پەسلى بىرلەشمىنىڭ «قارا تۇلپارى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بۆرە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، 2000-يىلىدىن كېيىن، بۇ ئىككى كوماندا جەمئىي سەككىز قېتىم مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، بۆرە كوماندىسى بىر مەيدان غەلبە قىلىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، بەش مەيدان مەغلۇپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ساھىبخان مەيداندا ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولغان، نۆۋەتتە بىرلەشمىدە ئۇدا غەلبە قىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بۇ ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى مەستانىلەرگە زادى قانداق ھوزۇرلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

مۇسابىقە خاراكتېرى: 2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ 18-ئايلانما مۇسابىقىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 4:00

مۇسابىقە ئورنى: مولىنىكېس توپ مەيدانى

كۆرۈش نۇقتىسى 1: «قىزىل قوشۇن» بىرلەشمىدىكى سەركىلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلىيالامدۇ؟

ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە، لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا 1:3 نەتىجە بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدىكى سەركىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى، ئۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شاچىرى بىلەن فابىنھونىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى، كوماندا ترېنېر كلوپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ ئىككى ماھىرنى ئاساسلىق ئەزالار قاتارىغا كىرگۈزەمدۇ؟ بۇمۇ مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، بۇ مۇسابىقە پەسلى بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلۇق جېڭى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، مانچېستېر شەھىرى پەقەت بىر مەيدانلا مەغلۇپ بولغىنى ئۈچۈنلا رەت تەرتىپتىكى سەركىلىك ئورۇننى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويدى، ئەمما سەركىلىك ئورۇندا تۇرۇۋاتقان لىۋېرپولمۇ، مانچېستېر شەھىرىدىن ئاران بىر نومۇر ئۈستۈن تۇرىدۇ، شۇنچىلىك كىچىك نومۇر پەرقىدە تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا، لىۋېرپول بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ھەرگىزمۇ سەل قارىمايدۇ.

كۆرۈش نۇقتىسى 2: بۆرە كوماندىسى كۈچلۈكلەرگە بوزەك بولمايدىغان ھالىتىنى داۋاملاشتۇرالامدۇ؟

بۇ يىل يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۆرە كوماندىسى ھازىرغىچە بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە يەتتىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، ئالتىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان مانچېستېر كوماندىسىدىن ئاران بىر نومۇر تۆۋەن ئورۇندا تۇرماقتا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، بۇ مۇسابىقە پەسلى بۆرە كوماندىسىنىڭ نىشانى ھەرگىزمۇ دەرىجە ساقلاش ئەمەس، بەلكى ياۋروپا سەھنىسىگە قەدەم بېسىش ئۇلارنىڭ ھەقىقىي نىشانى ھېساپلىنىدۇ، بۆرە كوماندىسىنىڭ بۇنچىلىك يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىشى ھەرگىزمۇ، رەت تەرتىپتە ئۆزىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇۋاتقان كوماندىلارنى مەغلۇپ قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن بولماستىن بەلكى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئالتە ئورۇندا تۇرۇۋاتقان كوماندىلار بىلەن بولغان رىقابەتتە، ئۇلار ساھىبخان مەيداندا پەقەت توتتېنھامغىلا ئۇتتۇرۇپ قويغان، نۆۋەتتە بىرلەشمىدە ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبە قىلىشتەك ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بۆرە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ساھىبخان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، لىۋېرپولنى مەغلۇپ قىلىشمۇ، مۈمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس.

111111111111111.jpg
U020181221360270262223.jpg
222.jpg
3333333333.jpg