گېرمانىيە بىرلەشمىسى 17-ئايلانما: مونشېدگلادباخ VS دورتمۇند مۇسابىقىسىگە نەزەر
0
2018-12-21 17:21:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 3:30دا، 2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 17-ئايلانمىسى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى ئىدۇنا سىگنال باغچىسى توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە سەركىلىك ئورۇندا تۇرۇۋاتقان دورتمۇند ساھىبخان مەيداندا رەت تەرتىپتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان مونشېدگلادباخ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلار سانىلىدىغان بۇ كونا رەقىبلەر يەنە بىر مەيدان كەسكىن مۇسابىقىنى مەستانىلەرگە «سوۋغا» قىلماقچى، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى ئۇچرىشىشلىرىدا دورتمۇند مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولۇپ، ھەتتا چوڭ نومۇر پەرقىدە غەلبە قىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەنە كۆپلىگەن يارقىن نۇقتىلار بار بولۇپ، مونشېدگلادباخ كوماندىسى بولسا، دورتمۇند كوماندا كاپىتانى رويېس ۋە شۇنداقلا كوماندا ترېنېرى فاۋرېلارنىڭ كونا ئائىلىسى بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كونا كوماندىسى بىلەن رىقابەتكە چۈشىدۇ.

مۇسابىقە خاراكتېرى: 2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 17-ئايلانما مۇسابىقىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 3:30

مۇسابىقە ئورنى: ئىدۇنا سىگنال باغچىسى توپ مەيدانى

كۆرۈش نۇقتىسى 1: دورتمۇندقا يەنىلا چوڭ بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ

ئالدىنقى ئايلانما گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە، دورتمۇند مېھمان مەيداندا دۇسسېلدورف كوماندىسىغا 2:1 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ، بىرلەشمە باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى مەغلۇبىيەتنىڭ «تەمىنى» تېتىدى، بىرلەشمىدە ئۇدا 15 ئايلانما مەغلۇپ بولماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرىلدى، گەرچە بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە 39 جۇغلانما نومۇر بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە سەركىلىك ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، كەينىدىكى مونشېدگلادباخ بىلەن بايرېن مىيۇنخېن كوماندىلىرىدىن ئالتە نومۇر يۇقىرى ئورۇندا تۇرماقتا، ئەمما بىرلەشمە تېخى ئەمدى يېرىملاشقان بولغاچقا، دورتمۇند ھەرقانداق ئىشقا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك، يېقىندا بايرېن مىيۇنخېن بىرلەشمىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، بىرلەشمە «زومېگىرى» ھېساپلىنىدىغان بايرېن مىيۇنخېن ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئىپادىسىگە قايتىشقا باشلىدى، ناۋادا دورتمۇند بۇ مەيدان مۇسابىقىدە نومۇر كەتكۈزۈپ قويسا، ئۇنداقتا «سېرىق ھەرە قوشۇنى» تېخىمۇ زور بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

كۆرۈش نۇقتىسى 2: مونشېدگلادباخنىڭ مېھمان مەيداندىكى نەتىجىسى ياخشى ئەمەس، فاۋرې بىلەن رويېس كونا ئائىلىسى بىلەن رىقابەتكە چۈشىدۇ

مونشېدگلادباخ گەرچە گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 16 ئايلانما مۇسابىقىسىدە 33 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ساھىبخان مەيداندىكى نەتىجىسى بىلەن مېھمان مەيداندىكى نەتىجىسى ئاسمان-زىمىن پەرقلىنىدۇ، مونشېدگلادباخ سەككىز ئايلانما ساھىبخان مەيداندىكى مۇسابىقىدە تولۇق غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، ئۇلار ساھىبخان مەيداندا پەسىل ھالقىغان 10 مەيدان ئۇدا غەلبە قىلىشتەك نەتىجىگە ئېرىشتى، پەقەت يەنە بىر مەيدان غەلبە قىلسىلا، ئۆزلىرىنىڭ 1983/1984-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياراتقان، بىرلەشمىدىكى ساھىبخان مەيداندا ئۇدا 11 مەيدان غەلبە قىلىش رېكورتى بىلەن تەڭلىشىدۇ، ئەمما مېھمان مەيداندىكى نەتىجىسى بولسا، ئاران ئىككى مەيدان غەلبە قىلىپ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىش بىلەن بىرگە ئۈچ مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىگە ئېرىشتى، مېھمان مەيداندىكى ئىپادىسى تۇراقسىز بولۇۋاتقان مونشېدگلادباخ كوماندىسى، كۈچلۈك رەقىبى دورتمۇند كوماندىسى بىلەن بولغان رىقابەتتە مېھمان مەيداندىكى غەلبە قىلالماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرەلەمدۇ؟ يەنە بىر جەھەتتىن دورتمۇند كوماندىسىنىڭ ترېنېرى فاۋرې بىلەن كوماندا يادروسى رويېس، دەل مونشېدگلادباخ كوماندىسىدا نام چىقارغان بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كونا ئائىلىسى بىلەن رىقابەتكە چۈشىدۇ.

111111111111111.jpg
U020181221360270262223.jpg
222.jpg
3333333333.jpg