ډمانچېستېر بىرلەشمىسى رىمنىڭ ئوتتۇرا بېكى مانولاسنى قوشۇۋالماقچى
0
2019-01-03 17:47:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئوتتۇرا بىك قوشۇۋالماقچى بولغىنى ئوچۇق-ئاشكارا مەخپىيەتلىككە ئايلىنىپ قالدى، ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رىمنىڭ ئوتتۇرا بىكى مانولاس مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ نىشانىغا ئايلاندى.

مانولاس بىلەن رىمنىڭ ھازىرقى توختامىدا 34 مىليون فوندستىرلىڭلىق توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى بار، ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مانولاس بۇنىڭدىن بۇرۇن يەنە ئارسىنال ۋە چىلسى قاتارلىق كوماندىلار بىلەن چىتىلىپ قالغان، ھازىر مانچىستىر بىرلەشمىسى مانولاسنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققىنى تۆلەش ئارقىلىق ئۇنى كوماندىغا قوشۇۋالماقچى.

بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن مانولاس 2014-يىلى يازدا رىمغا قوشۇلغان، ئۇ ھازىر ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ئوتتۇرا بىكنىڭ بىرسىگە ئايلاندى.

كولىبالى، ئالدىرۋىلد، ماگۇئىر قاتارلىق توپچىلارغا قارىغاندا مانولاسنى قوشۇۋىلىش مانچىستىر بىرلەشمىسىگە نىسبەتەن ياخشى سودا ھىسابلىنىدۇ.

بۇ پەسىل مانولاس رىمغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى مۇسابىقە تۈرلىرىدە جەمئىي 21 قىتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ ئىككى توپ كىرگۈزۈپ بىر قىتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.

a06.jpg
s13.jpg