ئادىلجان: بۈگۈنكى ئىپادىمىز ناھايىتى ياخشى بولدى
0
2019-01-04 15:55:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 89:100 نەتىجىدە گۇاڭجۇ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى تىرېنېرى ئادىلجان تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كوماندىنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسى توغرىسىدا توختالدى:

«بۈگۈن بىز كوللېكتىپنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلدۇق، ئىپادىمىز ناھايىتى ياخشى بولدى، قىيىن ئەھۋالدا مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاش ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى، گاردىن قايتقان توپنى كونترول قىلغاندىن كېيىن قايتۇرما ھۇجۇم سۈرئىتى ۋە ئۈنۈم ناھايىتى ياخشى بولدى. كېيىن نومۇر پەرقى چوڭايغاندىن كېيىن مۇسابىقە رېتىمى ئاستىلاپ، ھۇجۇم ئاددىيلاشتى، لېكىن بىز يەنىلا مەيدان ۋەزىيىتىنى كونترول قىلدۇق. مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىش ياخشى ئىش، بىز داۋاملىق تىرىشىمىز.»

a06.jpg
s13.jpg