شىنجاڭلىق قىزچاق چاڭغا تېيىلىش كۈمۈش مېدالىغا ئېرىشتى
0
2019-03-04 14:10:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانى چاڭگىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا چاڭغا تېيلىش بىرلەشمىسى بېيجىڭ دالا چاڭغا تېيىلىش نومۇر جەملەش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى بېكىتىدە، 18 ياشلىق شىنجاڭلىق قىز دىلنىگار ئىلھامجان بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، بۇ جۇڭگو ماھىرلىرىنىڭ مەزكۇر تۈردە ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ مۇسابىقىنىڭ ئاياللار گۇرۇپپىسىدا 72 ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، جۇڭگولۇق ماھىردىن 41سى بار. تەييارلىق مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى، 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگولۇق ماھىردىن ئاران ئۈچىسى قالغان. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن دىلنىگار ئىلھامجان جۇڭگو دالا چاڭغا تېيىلىش يىغىپ تەربىيەلەش ئەترىتى شىنجاڭ گۇرۇپپىسىدىن كەلگەن. جۇڭگو چاڭغا تېيىلىش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جېن لىياڭچېڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دالا چاڭغا تېيىلىش تۈرىدە ئىختىساسلىقلارنى توغرا تاللىيالىسلا، نەتىجە يارىتىش ئاسان ئىكەن.


دىلنىگار ئىلھامجان ( ئوڭدا) مۇسابىقىدە

 

ماھىرلار مۇسابىقىدە

دىلنىگار ئىلھامجان (ئوڭدا) مۇسابىقىدە

چاڭگىدىكى مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 800 مېتىردىن ئارتۇق، ئېگىز پەس يول بۆلىكىدىن بىرلا سۈنئىي كۆۋرۈك بار بولۇپ، ئېگىزلىكى 4 مېتىرغىمۇ بارمايدۇ، بۇ خىل يول شەكلى ياش ماھىرلارنىڭ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشقا پايدىلىق.

دىلنىگار ئىلھامجان(سولدا) بىلەن بايانى گالىن (ئوڭدا) ئ‍ۆز ئارا تەبرىكلەشمەكتە

بۇ قېتىمقى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن بايانى گالىن بىلەن دىلنىگار ئىلھامجان ئوخشاشلا جۇڭگو دالا چاڭغا تېيىلىش يىغىپ تەربىيەلەش ئەترىتى شىنجاڭ گۇرۇپپىسىدىن كەلگەن.

دىلنىگار ئىلھامجان مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىدە (سولدىن 1-كىشى)

بارلىق ماھىرلار بۈگۈن چۈشتىن كېيىن پايتەخت پولات-تۆمۈر گۇرۇھى خارابە باغچىسىدا ئىككىنچى بېكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بارلىق ماھىرلار يەنچىڭغا بېرىپ، 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بادالىڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈىلىدىغان 3-بىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىدۇ.