ڦشىرئەلىجان ئۆزىنىڭ ئىپادىسى ئارقىلىق شىنجاڭ كوماندىسىغا ياردەم بەرمەكتە
0
2019-03-07 09:57:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئالدىنقى ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىدە گۇاڭجۇ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 97:117 نەتىجىدە شېنجېن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىرىش ئۈچۈن ھالقىلىق بىر مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بىرلەشمە رەت تەرتىپتە شېنجېن كوماندىسى بىلەن بولغان پەرقىنىڭ كىچىكلىشىگە ياردەم قىلدى.

42-ئايلانما مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى 29 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 13 مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجە بىلەن بىرلەشمە رەت تەرتىپتە 4-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، 3-ئورۇندىكى شېنجېن كوماندىسىدىن پەقەت 1 مەيدان پەرق قالدى. يەنە كېلىپ شىنجاڭ كوماندىسى شېنجېن كوماندىسى بىلەن بولغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلغان بولغاچقا، ئەگەر شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرىدا شېنجېن كوماندىسى بىلەن نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالسىمۇ يەنىلا رەت تەرتىپتە ئالدىغا تىزىلىدۇ. شۇڭا ھازىر شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ دائىملىق مۇسابىقە ئاخىرىدا رەت تەرتىپتە 3-ئورۇنغا تىزىلىپ پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە قەدەم قويىدۇ.

ھازىر گۇاڭجۇ كوماندىسىنىڭ يادروسى بولغان شىرئەلىجان ئىلگىرى ئۇزۇن يىل شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ ئوينىغان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىغا بولغان مېھرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئىپادىلەپ، شىنجاڭ كوماندىسىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. شېنجېن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن شىرئەلىجان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئىككى پارچە سۈرەت يوللىغان، شۇنداقلا: «ھەي،،،،،مەن سىلەرگە پەقەت مۇشۇنچىلىكلا ياردەم قىلالايدىغان بولدۇم» دېگەن. بۇ ئىككى پارچە سۈرەتنىڭ بىرى شىر، يەنە بىرى يولۋاس بولۇپ، شىر گۇاڭجۇ كوماندىسى(广州龙狮篮球俱乐部)غا، يولۋاس بولسا شىنجاڭ كوماندىسى (新疆广汇飞虎篮球俱乐部)غا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

لېكىن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىرئەلىجاننىڭ ئىپادىسى ئانچە قالتىس بولمىغانلىقتىن، بىر قىسىم تورداشلار شىرئەلىجاننىڭ بۇ مەزمۇنىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ: «ئەگەر بۇ مەزمۇننىڭ مەناسى شىنجاڭ كوماندىسىغا ياردەم بەرگەنلىك بولسا، بۇ مەيدان غەلىبە ساڭا مەنسۇپ ئەمەس، سەن كۆرەڭلەپ كەتتىڭ» دەپ يازغان، شىرئەلىجان بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «قارىسام سەن ھەقىقىي شىنجاڭ كوماندىسى مەستانىسى ئەمەس ئىكەنسەن، مېنىڭ قولۇم يارىلانغان ئەھۋالدا پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمەن، مېنىڭ مەيداندىكى رولۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى.
لېكىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار يەنىلا شىرئەلىجاننى قوللاپ: «سەن ھەقىقىي شىر، شىنجاڭ كوماندىسىنى ھېچكىن سەندەك سۆيمەيدۇ» دېدى.

1124197341_1551804246235_title0h.jpg
W020190305365261046849.jpg