يۇۋېنتۇس بۇ يىل يازدا 10 نەپەر توپچىسىنى قولدىن چىقىرىشى مۇمكىن
0
2019-06-18 18:02:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ساررى يۇۋېنتۇسقا باش ترېنېر بولغاندىن كېيىن، يۇۋېنتۇس پۈتۈن نەزىرىنى يۆتكىلىش بازىرىغا قاراتماقتا، شۇنداقلا كىملەرنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىمۇ مەستانىلەر ئەڭ قىزىقىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. ئىتالىيە «ئاسمان تەنتەربىيەسى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يۇۋېنتۇس بۇ يىل يازدا 10 توپچىنى قولدىن چىقىرىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كانسېلو، مانزۇكىچ، دىبالا، دوگلاس كوستا قاتارلىق توپچىلارمۇ بار.
كانسېلونىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش مۇمكىنچىلىقى چوڭ، ئۇ ساررىنىڭ پىلانىدا يوق بولۇپ، مانچېستېر شەھىرىمۇ ئۇنى قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، مانزۇكىچمۇ سېتىلسا بولمايدىغان توپچىلار تىزىملىكىدە ئەمەس ئىكەن، يۇۋېنتۇس مانزۇكىچقا مۇۋاپىق باھا قويۇلسىلا ئۇنى قويۇپ بېرىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، دىبالا بىلەن دوگلاس كوستامۇ مۇۋاپىق باھا قويۇلسىلا كوماندىدىن ئايرىلىدىغان بولۇپ، لېكىن يۇۋېنتۇس ئۇلارنى قولدىن چىقىرىشقا ئالدىرىمايدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قېدىرا بىلەن ماتۇيدىدىن بىرەيلەن يۇۋېنتۇستىن ئايرىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ تېخنىكا ئالاھىدىلىكى ساررىنىڭ تاكتىكىسىغا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ، شۇڭا ئىككەيلەننى تەڭلا ئېلىپ قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا، كاسېرېسنىڭ توختامى ئاخىرلىشىپ كوماندىدىن ئايرىلدى، ساررى توختامى كېلەر يىلى ئاخىرلىشىدىغان كۇادرادونى سېتىشقىمۇ قارشى ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاللېگرى يۇۋېنتۇسقا باش ترېنېر بولغاندىن كېيىن AC مىلاندىن ئېلىپ كەلگەن دېسىگلىئومۇ كوماندىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن بولۇپ، يۇۋېنتۇس مۇۋاپىق باھا قويۇلسىلا ئۇنى قولدىن چىقىرىدىكەن.

قاپقىچى ئورنىدا، پېرىن ساررى رېينادەك ئۆزى ئىشىنىدىغان قاپقىچىنى قوشۇۋالالمىغاندىلا كوماندىدا قالىدىغان بولۇپ، بولمىسا پېرىن ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بولسىمۇ يۇۋېنتۇستىن ئايرىلىدىكەن.