جۇڭگو كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسى بۇ يىل يولغا قويۇلىدۇ
0
2019-06-25 15:45:00
|
مەنبەسى:خەلق تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلىپ، تامامەن يېڭىچە بولغان جۇڭگو كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بۇ يىل يولغا قويۇلىدىغانلىقى جاكارلاندى.

جۇڭگو كالتەك توپچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى چېن شۈ يىغىندا كالتەك توپ تەنھەرىكىتىنىڭ كەسىپلەشكەن ئىسلاھات لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئىسلاھاتىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. جۇڭگو كالتەك توپچىلار بىرلەشمىسى بىلەن پايتەخت پولات-تۆمۈر شىركىتى تەنتەربىيەسى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، جۇڭگو كالتەك توپىنى گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ، چەت ئەلگە چىقىپ كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىش، ياشلار بويىچە تەربىيەلەش، دۆلەت ئىچىدىكى كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن جۇڭگو كالتەك توپ تەنھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.

2019-يىللىق جۇڭگو كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئىجازىتىنى باھالاش ئېلان قىلىندى، 2018-، 2019-يىللىق مەملىكەتلىك كالتەك توپ مۇسابىقىسىدىكى ئالدىنقى سەككىز كوماندا ۋە 2018-يىللىق، 2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئىشتىن سىرتقى كۇلۇبلار مۇسابىقىسىدىكى ئالدىنقى ئالتە كۇلۇب تىزىمغا ئالدۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

640.webp (3).jpg