كىرىستىئانو رونالدو: مەن يېڭى رىقابەتكە موھتاج
0
2019-07-31 15:00:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

كىرىستىئانو رونالدو ئۆتكەن يىلى يازدا خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، غەلىبە قەدىمىنى توختىتىپ قويمىدى. يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى يېتەكلەپ، ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا يەنە پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە مۇھىم كۈچ چىقاردى.

كىرىستىئانو رونالدو يېقىندا «ماكا گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلىشى ھەققىدە توختىلىپ: «خانلىق مادرىد كوماندىسىدا كۆپلىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم، مەن يېڭى رىقابەتكە، يېڭى كۈچكە موھتاج» دېدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ داۋاملىق غەلىبە قىلغۇدەك كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.

كىرىستىئانو رونالدو يۇۋېنتۇس كوماندىسى ھەققىدە توختىلىپ: «يۇۋېنتۇس كوماندىسى چوقۇم ياۋروپا كۇلۇبلار ئارا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، بۇ يىلمۇ ياكى كېلەر يىلىمۇ بۇنى بىلمەيمەن، لېكىن چوقۇم چېمپىيون بولالايدۇ» دېدى.

 

F201907301550036146702963.jpg
F201907301733467806702987.jpg