شىنجاڭلىق ئۈچ پۇتبولچى ئېلىمىز پۇتبول كوماندىسى تىزىملىكىدە
0
2019-08-06 17:26:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

يەنە بىر ئايدىن كېيىن، 2022-يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 2-باسقۇچلۇق 40 كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسى ۋە 2023-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 1-باسقۇچلۇق تاللاش مۇسابىقىسى ئاسىيا تەۋەسىدە ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدۇ. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۈگۈن (8-ئاينىڭ 5-كۈنى) مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىر تىزىملىكىنى يوللايدىغان ئاخىرقى مۆھلىتى. ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بېكىتكەن ئاخىرى مۆھلەت كۈنىدە رەسمىي ھالدا ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ماھىر تىزىملىكىنى يوللىغان، تىزىملىكتىكى ماھىر سانى 60 دىن ئاشقان. ھەممە كۆز تىكىۋاتقان ئېلىمىز تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ماھىرلاردىن پەقەت لى كې ۋە ئېرىكسوننىڭلا ئىسمى بار. شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرىنى خۇش قىلىدىغىنى شۇ بولدىكى، تيەنجىن «تەيدا» كوماندىسىدىكى مىرەخمەتجاندىن باشقا، جياڭسۇ «سۇنىڭ» كوماندىسىدىكى ئابدۇخەمىت، چۇڭچىڭ «سىۋېي» كوماندىسىدىكى دىلمۇرات قاتارلىقلارمۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان.

مىرەخمەتجان مۇزەپپەر



دىلمۇرات مەۋلانياز


ئابدۇخەمىت ئابدۇغېنى

ئەمەلىيەتتە، ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسى 40 كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسىگە مەسئۇل بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بېكىتكەن بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىدۇ. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىدە ئېنىق ھالدا: «تاللاش مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن 30 كۈندىن ئاز بولمىغان ۋاقىتتا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىر تىزىملىكى يوللىنىشى كېرەك» دەپ بېكىتىلگەن. شۇڭلاشقا، جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلىپىگە ئاساسەن، بېكىتىلگەن ئاخىرقى مۆھلەتتىن بۇرۇن تىزىملىكنى يوللىغان.

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسى ھەر تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەر نۆۋەتلىك تاللاش مۇسابىقىسى قائىدىسىدىمۇ ئاز-تولا ئۆزگىرىش بولىدۇ. 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، ئوخشاشلا 30 كۈن بۇرۇن تىزىملىك يوللاش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ماھىر سانى 50 تىن تۆۋەن بولماسلىقى بەلگىلەنگەن. تۆت يىلدىن كېيىنكى قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە ماھىر سانىغا چەك قويۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 10 كىشىلىك، 20 كىشىلىك، 50 كىشىلىك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ماھىر يوللانسىمۇ بولىدۇ. ئەمما تىزىملىك يوللانغان كېيىن، مۇسابىقە رەسمىي باشلىنىشقا بىر كۈن قالغۇچە، خالىغاندا ماھىر قوشقىلى، ئازايتقىلى بولىدۇ. ئېلىمىز پۇتبول كوماندىسى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى مېھمان كوماندا سۈپىتىدە مالدىۋې كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. دېمەك، 9-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇسابىقە باشلىنىشتىن 24 سائەت بۇرۇن، ماھىر قوشقىلى ھەم ئازايتقىلى بولىدۇ. مۇسابىقە باشلىنىشتىن 85 مىنۇت بۇرۇن، ھەرقايسى كوماندىلار 23 كىشىلىك تىزىملىكنى مۇسابىقە كومىتېتىغا يوللايدۇ. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 23 ماھىر دەل بىر ئاي بۇرۇن يوللانغان تىزىملىكتىكى ماھىرلار ئىچىدىن تاللىنىشى كېرەك.

قارايدىغان بولساق، گۇاڭجۇ «خېڭدا» پۇتبول كوماندىسىدىن 10 ماھىر تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان، تىزىملىكتە داڭلىق پۇتبولچى جېڭ جىمۇ بار بولۇپ، ئېلىمىز پۇتبول كوماندىسى تارىخىدىكى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان يېشى ئەڭ چوڭ ماھىر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 2000-يىللاردا تۇغۇلغان جۇ چېڭجيېمۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان. ماھىرلارنىڭ ياش پەرقى 19 ياش ھەتتا 20 ياشقىمۇ يېقىنلاشقان بولۇپ، ئېلىمىز پۇتبول كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى «ئەڭ» نى ياراتقان.

يەنە قارايدىغان بولساق، بېيجىڭ «جۇڭخې گوئەن» پۇتبول كوماندىسىدىن ئونغا يېقىن ماھىر تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، گۇاڭجۇ «خېڭدا» پۇتبول كوماندىسىنىڭ كەينىگىلا تىزىلغان، شاڭخەي «شياڭگاڭ» پۇتبول كوماندىسى، جياڭسۇ «سۇنىڭ» پۇتبول كوماندىسى 3-، 4-ئورۇندا تۇرغان. ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ماھىرلار ئاساسلىقى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى 16 كوماندىنىڭ ھەممىسىدىن دېگۈدەك تاللانغان، رەت تەرتىپتە ئارقىدا تۇرۇۋاتقان كوماندىدىنمۇ ماھىر تاللانغان.

0.jpg