شىنجاڭ بىڭتۈەندىن جەي ۋېيۋېي تەكشۈرۈلدى
0
2019-08-06 17:34:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇچۇرى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈم مۇدىرى جەي ۋېيۋېي، قانۇن ۋە ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.

جەي ۋېيۋېينىڭ قىسقىچە تارىخى

جەي ۋېيۋېي، ئەر، خەنزۇ، 1962-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇچيەن شەھىرىدىن، مەركىزىي پارتىيە مەكتەپنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1979-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن.

1979.12-1981.10 يېزا-ئىگىلىك بەشىنچى شى 83-تۈەن قۇرۇلۇش ليەنىنىڭ ئىشچىسى بولغان؛

1981.10-1984.10 شىنجاڭ ئىلى قورغاس چېگرا مۇداپىئە قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى بولغان؛

1984.10-1985.9 يېزا-ئىگىلىك بەشىنچى شى 83-تۈەن قۇرۇلۇش ليەنىنىڭ ئىشچىسى بولغان؛

1985.9-1992.8 يېزا-ئىگىلىك بەشىنچى شى تاسقاي ج خ ئىدارىسىدا ساقچى بولغان؛

1992.8-1994.2 يېزا-ئىگىلىك بەشىنچى شى چىندېل ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان؛

1994.2-1995.3 يېزا-ئىگىلىك بەشىنچى شى چىندېل ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك تەھقىقلىگۈچىسى بولغان؛

1995.3-1999.5 يېزا-ئىگىلىك بەشىنچى شى چىندېل ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

1999.5-2000.11 يېزا-ئىگىلىك بەشىنچى شى جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى جىنايى ئىشلار تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان؛

2000.11-2002.10 بىڭتۈەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى سىياسىي بۆلۈم كادىرلار تەلىم-تەربىيە باشقارمىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛

2002.10-2003.6 بىڭتۈەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى باش ئەترىتىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛

2003.6-2012.7 بىڭتۈەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى باش ئەترىتى ئىقتىسادىي رازۋېدكا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

2012.7-2014.3: بىڭتۈەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئىقتىسادىي رازۋېدكا باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان.

2014.3-2017.3 بىڭتۈەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تەشكىلات-كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛

2017.3 شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈم مۇدىرى بولغان.

0.jpg