\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت بەش توپچى: مېسسى بىرىنچى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-11 15:44

پۇتبول ھازىرقى تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى تەسىرى كۈچى ئەڭ زور تۈر ھېسابلىنىدۇ، مەيلى ياشلار بولسۇن ياكى ياشانغانلار بولسۇن، ئوخشاشلا بۇ تەنھەرىكەت تۈرىنى ياخشى كۆرىشىدۇ. مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ قىممىتى ئۆز ئىقتىدارى ۋە تەسىرى كۈچىگە قارىتا بولىدۇ، بۈگۈن بىز دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت بەش توپچى ئۈستىدە توختىلىمىز. بۇ بەش توپچىنىڭ ئىچىدە 33 ياشلىق كىرىستىيانو رونالدو بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچىلارنىڭ بىرى، قېنى ئەمىسە بۇ بەش توپچىنى كۆرۈپ چىقايلى.

5. سالاھ

لىۋېرپول ھۇجۇمچىسى سالاھ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە قالتىس ئىپادىسى بىلەن زور تەسىرى كۈچكە ئېرىشتى ھەمدە لىۋېرپولنى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگۈزدى. ئۇ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىمۇ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، ھازىر ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى مەرگەنلەر تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، 2018-يىللىق ئافرىقا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشتى، ئۇنىڭ ھازىرقى قىممىتى 150 مىليون ياۋرو.

4. خاررى كېن

خاررى كېننىڭ قىممىتىمۇ 150 مىليون ياۋرو بولۇپ، توتتېنھامنىڭ بۇ ھۇجۇمچىسى يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق قالتىس ئىپادىسى بىلەن خېلى زور تەسىرى كۈچكە ئېرىشتى. خاررى كېننىڭ 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا تۆتىنچى بولۇشىغا ياردەم قىلدى. خاررى كېن بۇ يىل 25 ياشتا، ئۇنىڭ كەلگۈسى پارلاق، يەنە نۇرغۇن مۇكاپاتلار ئۇنى ساقلاپ تۇرماقتا.

3. مىباپپې

مىباپپې تېخى 20 ياشقا كىرمىدى، لېكىن ئۇنىڭ قىممىتى 180 مىليون ياۋروغا يەتكەن. ئۇ يېقىنقى ئىككى مۇسابىقە پەسلىدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن نۇرغۇن مەستانىلەرنى جەلپ قىلغان بولۇپ، 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋە يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىمۇ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى، شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭدەك 19 يېشىدا بۇنچە كۆپ شەرەپلەرگە ئېرىشكەن توپچىلار ئىنتايىن ئاز، بەلكىم ئۇ كېيىنكى پۇتبول شاھى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

2. نېيمار

نېيمارنىڭ قىممىتى 180 مىليون ياۋرو بولۇپ، لېكىن ئۇ پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلغاندا 222 مىليون ياۋرولۇق باھاسى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت توپچىغا ئايلانغان. يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن توپچىلارنىڭ قىممىتىدە پەرق بولىدۇ، نېيماردەك توپچىلارنىڭ يۆتكىلىش سوممىسى بۇ تىزىملىكتىكى قىممىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتقان كوماندىلار چوقۇم 200 مىليون ياۋرودىن ئارتۇق پۇل سەرپ قىلىشى كېرەك.

1. مېسسى

مېسسىنىڭ ھازىرقى قىممىتى 180 مىليون ياۋرو بولۇپ، ئۇ ھازىرقى پۇتبول دۇنياسىدىكى «قوشا شاھ»نىڭ بىرى، 31 ياشلىق بۇ گىگانت چولپاننىڭ بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىشىدا ھېچقانداق مەسىلە يوق. گەرچە كىرىستىيانو رونالدونىڭ ھازىرقى قىممىتى ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مەيدان ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەسىرى كۈچى بىلەن ئۆز قىممىتىنى بەلگىلەپ بولدى، «قوش شاھ دەۋرى»مۇ يەنىلا داۋاملاشماقتا!

中央广播电视总台 央广网 版权所有