\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇۋېنتۇسنىڭ چوڭ مەسىلىلىرى ئاستا-ئاستا پەيدا بولماقتا

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-11 16:21

يۇۋېنتۇس ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدا 0:1 نەتىجە بىلەن خەلقئارا مىلاننى مەغلۇپ قىلدى، گەرچە كىرىستىيانو رونالدو تۇنجى قېتىم قاتناشقان دۆلەت دېربىيسى مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كوماندىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ياردەم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇۋېنتۇسنىڭ بەزى مەسىلىلىرىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتتى.

ئالدى بىلەن دىبالا. بۇ مۇسابىقىدە دىبالا ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشكەن ھەمدە ئوڭ يان ھۇجۇم ئورنىغا قويۇلغان بولۇپ، لېكىن 72-مىنۇتتا دوگلاس كوستاغا ئالماشتۇرۇلدى، بۇ ئاللېگرىنىڭ دىبالانىڭ ئىپادىسىدىن رازى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يۇۋېنتۇس بۇ مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە ھۇجۇم قوزغاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، لېكىن دىبالا تۇرۇشلۇق ئوڭ يول كۆپ قېتىم توسالغۇغا ئۇچرىغان. خەلقئارا مىلاننىڭ بۇ مۇسابىقىدىكى خاتالىقى ئىنتايىن كۆپ، لېكىن يۇۋېنتۇس بۇ پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتالمىدى ھەمدە كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەتتا ئوتتۇرا مەيداندىنمۇ ئۆتەلمىدى، بۇنىڭدا ھۇجۇم قوزغاتقۇچ رولىنى ئۆتىگەن دىبالانىڭ مەسئۇلىيىتى بار.

دىبالانى ئىشلىتىش مەسىلىسى يۇۋېنتۇسنىڭ B2B ئوتتۇرا مەيدانغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى، يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ مۇسابىقىدىكى ئۈچ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ماتۇيدى، پىيانىچ ۋە بېنتانكۇر بولۇپ، پىيانىچنىڭ ئىپادىسى ياخشى ئەمەس، ماتۇيدى قارشى تەرەپ بىلەن تىركىشىش قاينىمىغا كىرىپ قالدى، بېنتانكۇرنىڭ ئىقتىدارى خەلقئارا مىلان بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئوتتۇرا مەيداننى كونترول قىلىشقا يېتىشمەيدۇ. دىبالانىڭ توپ ئېلىپ ئىلگىرىلەش ئىقتىدارى قالتىس، لېكىن ئۇ بۇ مۇسابىقىدە پەقەت بىر قېتىملا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا توپ ئېلىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ۋە بېنتانكۇر كۆپىنچى ۋاقىتتا ئوتتۇرا مەيداندىن ئاشالمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، دىبالا بۇ مۇسابىقىدە قاپقىغا تۆت قېتىم توپ تەپكەن ھەمدە پەقەت بىر قېتىمدىلا قاپقا دائىرىسىگە تېپەلىگەن، گەرچە قارشى تەرەپنىڭ ئىككى سېرىق كارتا ئېلىشىغا تۈرتكە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىۋېرسال ئىپادىسى يەنىلا ياخشى ئەمەس.

كىرىستىيانو رونالدونىڭ يۇۋېنتۇسقا قوشۇلۇشى كرودىيەلىك ھۇجۇمچى مانزۇكىچنى پۈتۈنلەي قوزغاتتى، لېكىن يۇۋېنتۇسنىڭ بۇرۇنقى يادروسى دىبالا «سۈكۈت»كە كىرىپ قالدى. دىبالانىڭ قىممىتى 200 مىليون ياۋروغا يېقىنلىشىدۇ، لېكىن ئۇ ھازىر مەيدانغا چىقالماسلىق ۋە مەيداندا ئىپادىسىنى نامايەن قىلالماسلىقتەك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە، ئاللېگرىمۇ ئامالسىز ھالدا قالدى. ئوتتۇرا مەيداننىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن كىرىستىيانو رونالدو كۆپىنچى ھاللاردا ئۆزىلا ھۇجۇم قوزغاپ ئۆزىگە تايانماقتا، لېكىن كىرىستىيانو رونالدو داۋاملىق بۇ ھالەتتە توپ ئوينىسا بولمايدۇ، ئاللېگرى چوقۇم دىبالا بىلەن كىرسىتىيانو رونالدونى بىرىكتۈرىدىغان ئامال تېپىپ چىقىشى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有