\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نەچچە ئون مىڭ مەستانە مارادونانى قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

مەنبەسى:nur     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-10 11:03

ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىدىكى لاپلاتا گىمناستىكا كۇلۇبى ئورگان تورى ئارقىلىق «پۇتبول پادىشاھى» مارادونانىڭ كوماندا ترېنېرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، كېلەركى ئايدا 59 ياشقا كىرىدىغان مارادونا سالامەتلىك مەسىلىسى تۈپەيلى مېكسىكا بىرلەشمىسىدىكى دورادوس كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، مۇرە ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ھالەتكە قايتقاندىن كېيىن ئاندىن بۇ خىزمەتنى قوبۇل قىلغان، لاپلاتا گىمناستىكا كۇلۇبىمۇ بۇ پۇتبول تارىخىدىكى قالتىس ماھىرنى داغدۇغۇلۇق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ قارشى ئالغان، نەچچە ئونمىڭلىغان مەستانىلەر نەق مەيدانغا كېلىپ مارادونانى قارشى ئالغان، بۇنىڭدىن مارادونانىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ ئارگېنتىنادا ھېلىھەم ئاجىز ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، لاپلاتا گىمناستىكا كوماندىسى يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان بىرلەشمىدە بىر مەيدان تەڭلىشىپ، تۆت مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىگە ئېرىشكەن، ئارگنېتىنا بىرلەشمىسىدە ھازىرغىچە غەلبە قىلىپ باقمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا تۇرغان، مارادونانىڭ كوماندىغا ترېنېر بولۇشى بەلكىم بۇ كوماندىنىڭ ئەھۋالىدا مەلۇم ئۆزگىرىش ئەكىلىشى مۇمكىن، بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۇتبول پادىشاھىنىڭ ترېنېرلىق ھاياتىغا ئۇتۇق تىلەيمىز.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有