\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مېسسىنىڭ «مېسسى 10» سېرك ئويۇنى پات ئارىدا ئوينىلىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-10 16:47
 

ھەر يىلى مىڭلىغان پۇتبول مەستانىلىرى نوكەمپو مەيدانىدا مېسسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ بارسېلونا شەھىرىگە بارىدۇ، 10-ئايدا بارسېلونا شەھىرىگە بارغان ساياھەتچىلەر ئىنتايىن ئامەتلىك ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئىككى توپچىنىڭ بىرى بولغان مېسسىنىڭ سېرك ئويۇنىنى كۆرەلەيدۇ.

«ئا س گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قۇياش سېرك ئۆمىكىنىڭ «مېسسى 10» پىروگراممىسى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بارسېلونانىڭ مۇنبەر باغچىسىدا تۇنجى قېتىم قويۇلىدىغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە قويۇلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئويۇن خەتەرلىك ئويۇن ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خىياللارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن 90-مىنۇتلۇق خۇشاللىق سەپىرى ئىكەن.

مېسسى، ئارگېنتىنا كوماندىسى ۋە بارسېلونانىڭ ھۇجۇمچىسى، شۇنداقلا پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس توپچىلارنىڭ بىرى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى پاكار، كېسەل سەۋەبلىك ئامالسىز قالغان بالىدىن دۇنيادىكى تەسىرى كۈچى ئەڭ زور كىشىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، مانا ئەمدى قۇياش سېرك ئۆمىكى بىلەن بىرگە ئويۇن كۆرسىتىدۇ.

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، مېسسى تەييارلىق باسقۇچىدىكى سەھنە كۆرۈنۈشىنى كۆرگىلى بارغان. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، قۇياش سېرك ئۆمىكىنىڭ «مېسسى 10» پىروگراممىسى سېرك ئۇسۇلى ئارقىلىق ھازىرقى دەۋردىكى ئەڭ قالتىس پۇتبولچىنىڭ سىرلىق سېھرىي كۈچىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، پىروگراممىدا تەنتەربىيە روھى، تۆھپە كۆرسىتىش ئىدىيەسى قاتارلىق قالتىس توپچىلارغا خاس ھالەتلەر نامايەن بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەشكىللىگۈچى تەرەپ بۇ پىروگراممىنىڭ پۇتبول بىلەن سېرك ساھەسىنىڭ كۆۋرۈكىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有