ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تارىختىكى بۈگۈن: مېسسى تۇنجى قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 09:24

2019-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بىر كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. لېكىن تارىختىكى بۈگۈنگە كەلسەك، مېسسى 10 يىل بۇرۇنقى بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2009-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، بارسېلونا ھۇجۇمچىسى مېسسى كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ 10 يىل مابەينىدە بەش قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا ئالتىنچى قېتىملىقىنىمۇ قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، مېسسى 2009-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ئۇدا تۆت يىل ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدىكى ئىنتايىن قىيىن رېكورتلارنىڭ بىرى. 2019-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 2:30دا ئۆتكۈزۈلىدۇ، مېسسى، كرىستىيانو رونالدو ۋە ۋاندىك ئاخىرقى ئۈچ نامزات سۈپىتىدە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تالىشىدۇ.

ئۆتكەن 10 يىل مابەينىدە ئالتۇن توپ مۇكاپاتى مېسسى ۋە كرىستىيانو رونالدونىڭ مونوپۇللىقىغا ئۆتكەن، گەرچە بۇلتۇر مودرىچ بۇ مونوپۇللۇقنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن، ھازىر مېسسىنىڭ بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئىنتايىن كۆپ تارقالماقتا.

中央广播电视总台 央广网 版权所有