ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كرىستىيانو رونالدو ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 15:23

كۆپلىگەن تاراتقۇلار بارسېلونا كاپىتانى مېسسىنىڭ 2019-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈرمەكتە، كرىستىيانو رونالدوغا كەلسەك ئۇ بۇ قېتىم ئۈچىنچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كرىستىيانو رونالدو ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىسە، ئۇنداقتا ئۇ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدۇ، شۇڭا «فرانسىيە پۇتبولى»مۇ خېلى بۇرۇنلا كرىستىيانو رونالدوغا «خىزمەت» ئىشلەشكە باشلىغان. «تۇرىن تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كرىستىيانو رونالدونىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن.

ئىتالىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئوخشاشلا دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ئىككى مۇراسىمنىڭ ۋاقتى ئۇدۇل كېلىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كرىستىيانو رونالدو ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، شۇڭا ئۇنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا بارماسلىقى تېخىمۇ ئېنىق! كرىستىيانو رونالدو ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 21 توپ كىرگۈزۈپ سەككىز توپ كىرگۈزگەن، گەرچە ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئىتالىيە بىرلەشمىسىگە زور ئۆزگىرىش كىرگۈزدى، يۇۋېنتۇس ۋە بىرلەشمىنىڭ تەسىرىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى.

شۇڭا، تاراتقۇلار كرىستىيانو رونالدونىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماي، ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. بىر مۇراسىم پارىژدا، يەنە بىر مۇراسىم مىلاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ، دېمەك كرىستىيانو رونالدو بىرسىگە قاتناشسا يەنە بىرسىگە ئېنىقلا قاتنىشالمايدۇ، شۇڭا ھەمىشە ئۇتتۇرۇشنى خالىمايدىغان كرىستىيانو رونالدو مۇكاپاتلىنالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقى مۇمكىن، بۇمۇ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا نىسبەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.

«دۇنيا گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كرىستىيانو رونالدو ۋاندىكنىڭمۇ ئارقىسىدا قېلىپ ئۈچىنچى بولۇشتىن ئىنتايىن نارازى بولۇپ، بۇ ئەھۋال بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەسلىدە، كرىستىيانو رونالدو بۇلتۇرقى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى كېرەك ئىدى، لېكىن مۇكاپات ئاخىرىدا مودرىچقا بېرىلدى، كرىستىيانو رونالدومۇ ئىنتايىن نارازى بولغانلىقتىن مۇراسىمغىمۇ قاتناشمىدى، مانا ئەمدى يەنىلا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇراسىمغا قاتنىشىشنى رەت قىلماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كرىستىيانو رونالدو 9-ئايدىكى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغىمۇ قاتناشمىدى، بۇمۇ ئۇنىڭ دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن. مېسسىنىڭ مۇكاپاتلىنىشى كرىستىيانو رونالدوغا نىسبەتەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەنە شۇنداق پىسخىكا ھالىتى بىلەن بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن، كرىستىيانو رونالدونىڭ مۇراسىمغا قاتناشماسلىقى ئۇنىڭ ھازىرمۇ ئىلگىرىلەشنى توختاتمىغانلىقىنى، ئاسانلىقچە باش ئەگمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتى كرىستىيانو رونالدوغا نىسبەتەن خېلى ياخشى «تەسەللىي» ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىتالىيە بىرلەشمىسى، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىقغا ئېرىشكەن تۇنجى توپچىغا ئايلىنىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ نەتىجە!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كرىستىيانو رونالدو ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدۇ

ىتالىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئوخشاشلا دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ئىككى مۇراسىمنىڭ ۋاقتى ئۇدۇل كېلىپ قالىدۇ