ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مېسسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 17:38

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى ۋەندا مەركىزىي شەھەر توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، مادرىد ئاتلېتكا ساھىبخان مەيداندا بارسېلونا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 86 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، سۇئارېز بىلەن مېسسى ماسلاشقاندىن كېيىن، مېسسى چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزۈپ، مادرىد ئاتلېتكىنى «بوغۇزلاپ» تاشلىدى.


بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مادرىد ئاتلېتكا بىلەن ئوينىغان يېقىنقى 28 قېتىملىق ئۇچرىشىش تارىخىدا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مېھمان مەيداندا 2 مەيدان ئۇتتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشمىدە يېقىنقى ئوينىغان 18 مەيدان مۇسابىقىدە 14 مەيدان مەغلۇپ قىلىپ،، 4 مەيدان تەڭلەشكەن، ئىككى كوماندا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدا 164 قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ، بارسېلونا 74 مەيدان غەلبە قىلىپ، 39 مەيدان تەڭلىشىپ، 50 مەيدان مەغلۇپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان مەيداندا 24 مەيدان غەلبە قىلىپ، 21 مەيدان تەڭلىشىپ، 37 مەيدان مەغلۇپ قىلغان.


مېسسى بۇ مۇسابىقە پەسلى بارسېلوناغا ۋاكالىتەن 14 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا 11 توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە 8 قېتىم ياردەم پاس بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 9 توپ كىرگۈزۈپ، 5 قېتىم ياردەم پاس بەردى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە 2-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ياردەم پاس رەت تەرتىپىدە 1-ئورۇنغا تىزىلغان.


بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى 9 قېتىم ئالداپ ئۆتكەن، 12 قېتىم بىرگە بىر رىقابەتتە ئۇتۇق قازانغان، كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ شەخسىي تېخنىكىسىغا تايىنىپ، كۆپ قېتىم مادرىد ئاتلېتكىنىڭ مۇداپىئە سېپىگە خەتەر پەيدا قىلغان.

مېسسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ياراتقان نەتىجە سانلىق مەلۇماتلىرى تۆۋەندىكىچە:

مېسسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 99 قېتىم توپ بىلەن ئۇچراشقان

66 قېتىم پاس بەرگەن

23 قېتىملىق بىرگە بىر رىقابەتتە 12 قېتىم غەلبە قىلغان

12 قېتىملىق ئالداپ ئۆتۈشتە 9 قېتىم غەلبە قىلغان

قاپقىغا 3 قېتىم توپ تەپكەن، (2 قېتىم قاپقا دائىرىسىگە توپ تەپكەن) بىر توپ كىرگۈزگەن

يۇقارقىلاردىن باشقا بۇ مەيدان مۇسابىقە مېسسىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 27-قېتىم مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈشى بولۇپ، بۈگۈنكى بۇ بىر توپنى قوشقاندا جەمئىي 25 توپ كىرگۈزگەن، مادرىد ئاتلېتكا مېسسىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن 2-كوماندىسىغا ئايلانغان، پەقەت 29 توپ كىرگۈزگەن سېۋىللانىڭ كەينىگە تىزىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ توپ مېسسىنىڭ ۋەندا مەركىزىي شەھەر توپ مەيدانىدا كىرگۈزگەن تۇنجى توپى بولۇپ، مېسسى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 38 ئوخشىمىغان توپ مەيدانىدا توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بىرلەشمە تارىخىدا 1-ئورۇنغا تىزىلغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مېسسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى ۋەندا مەركىزىي شەھەر توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى