ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 12-ئايلانمىسىدىن قىسقىچە خۇلاسە

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 17:47

2019-2020 پەسىللىك CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 12-ئايلانمىسى تولۇق ئاخىرلاشتى، بۇ ئايلانمىدا شىنجاڭ كوماندىسى، گۇاڭدوڭ كوماندىسى ۋە لياۋنىڭ كوماندىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلار غەلبە قىلدى. ھازىر رەت تەرتىپتە گۇاڭدوڭ كوماندىسى بىرىنچى ئورۇندا، شىنجاڭ كوماندىسى ئىككىنچى ئورۇندا، گۇاڭشا كوماندىسى ئۈچىنچى ئورۇندا، لياۋنىڭ كوماندىسى بەشىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.

بۇ ئايلانمىدا شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 134-91 نەتىجىدە فۇجيەن كوماندىسىنى، لياۋنىڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 123-109 نەتىجىدە تيەنجىن كوماندىسىنى، جېجياڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 127-112 نەتىجىدە جىلىن كوماندىسىنى، گۇاڭدوڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 93-78 نەتىجىدە بېيجىڭ كوماندىسىنى، بېيكوڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 103-97 نەتىجىدە سىچۈەن كوماندىسىنى، شەنشى كوماندىسى مېھمان مەيداندا 121-113 نەتىجىدە جياڭسۇ كوماندىسىنى، توڭشى كوماندىسى مېھمان مەيداندا 122-115 نەتىجىدە چىڭداۋ كوماندىسىنى، گۇاڭجۇ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 116-112 نەتىجىدە 1-ئاۋغۇست كوماندىسىنى، شېنجېن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 113-97 نەتىجىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى، شەندوڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 119-85 نەتىجىدە شاڭخەي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

12-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى 13-ئايلانمىدا، بېيجىڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا گۇاڭجۇ كوماندىسى بىلەن، شەندوڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا توڭشى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە، لياۋنىڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا جېجياڭ كوماندىسى بىلەن، بېيكوڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا تيەنجىن كوماندىسى بىلەن، شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا جياڭسۇ كوماندىسى بىلەن، جىلىن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا فۇجيەن كوماندىسى بىلەن، شەنشى كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا گۇاڭشا كوماندىسى بىلەن، شاڭخەي كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا چىڭداۋ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە، 1-ئاۋغۇست كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا گۇاڭدوڭ كوماندىسى بىلەن، شېنجېن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا سىچۈەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 12-ئايلانمىسىدىن قىسقىچە خۇلاسە

2019-2020 پەسىللىك CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 12-ئايلانمىسى تولۇق ئاخىرلاشتى، بۇ ئايلانمىدا شىنجاڭ كوماندىسى، گۇاڭدوڭ كوماندىسى ۋە لياۋنىڭ كوماندىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلار غەلبە قىلدى.