ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ۋاقتى جەزملەشتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 17:51

بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ۋاقتى جەزملەشتى، بۇ مۇراسىم بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 3:30دا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، مېھمانلار ۋە توپچىلارنىڭ قىزىل گىلەمدىن مېڭىش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 2:30دا باشلىنىدىغان بولۇپ، رەسمىي مۇراسىم 3:30دا باشلىنىدىكەن. 2019-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا بېلەت تاشلاش 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاخىرلاشقان، ھازىر تاراتقۇلار مېسسىنىڭ ئالتىنچى قېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ قېتىم مېسسى، كرىستىيانو رونالدو ۋە ۋاندىك ئاساسلىق رىقابەتچى ھېسابلىنىدۇ.

ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ باھالاش تۈزۈمى:

ئالتۇن توپ مۇكاپاتى «فرانسىيە پۇتبولى» ژۇرنىلى باھالايدىغان ۋە تارقىتىدىغان چوڭ مۇكاپاتلارنىڭ بىرى، ئۇلار ئالدى بىلەن 30 كىشىلىك نامزاتنى تاللاپ چىقىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن باھالاش ئۆمىكى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئاخىرقى مۇكاپاتلانغۇچىنى تاللاپ چىقىدۇ. باھالاش ئۆمىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كەسپىي مۇخبىرلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر بىر دۆلەتتىن بىر مۇخبىر ۋەكىل بولۇپ بېلەت تاشلايدۇ.

ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ باھالاش ئۆلچىمى:

1. ئۆتكەن بىر يىلدىكى شەخسىي ئىپادىسى ۋە ئېرىشكەن شەرەپلىرى (شەخسىي ۋە كوللېكتىپ)

2. توپچىلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئادىل رىقابەتلىشىش روھى

3. توپچىلارنىڭ كەسپىي ھاياتى

ھەر بىر باھالىغۇچى 30 نامزاتنىڭ ئىچىدىكى بەش توپچىغا بېلەت تاشلىيالايدىغان بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندىكى توپچى ئالتە نومۇرغا، ئىككىنچى ئورۇندىكى توپچى تۆت نومۇرغا، ئۈچىنچى ئورۇندىكى توپچى ئۈچ نومۇرغا، تۆتىنچى ئورۇندىكى توپچى ئىككى نومۇرغا، بەشىنچى ئورۇندىكى توپچى بىر نومۇرغا ئېرىشىدۇ. ئەگەر نومۇرى ئوخشاش بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بىرىنچى بېلەتكە ئېرىشىش ئەھۋالى رەت تەرتىپىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بىرىنچى بېلىتىمۇ ئوخشاش بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ئىككىنچى بېلىتى تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىككىنچى بېلىتىمۇ تەڭلىشىپ قالسا، ئۈچىنچى بېلىتى تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۈچىنچى بېلىتىمۇ تەڭلىشىپ قالسا، ئۇنداقتا تەڭلىشىپ قالغان توپچىلارغا قايتا بېلەت تاشلىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有