ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بارسېلونا ئاتىسى كرۇيىفنىڭ پۇتبول توغرىسىدا ئېيتقان نادىر سۆزلىرى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 17:55

بارسېلونا ئاتىسى كرۇيىف چوڭقۇر تەپەككۇرغا ئىگە پۇتبولچى ۋە ترېنېر، ئۇ ئەمەلىي قىممىتى زور پەلسەپىلىك سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئىسپانىيە «ماركا گېزىتى» ئۇنىڭ بىر قىسىم سۆزلىرىنى مەستانىلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى، تۆۋەندە بىزمۇ كرۇيىفنىڭ داڭلىق سۆزلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

1. بىز پۈتۈن دۇنياغا پۇتبولچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ھوزۇرغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەك. پۇتبولچىلار كۈلۈمسىرىسە بولىدۇ، مۇسابىقىدىن ھوزۇر ئالسا بولىدۇ. مەن بىر زامانغا ۋەكىللىك قىلىمەن، ئۇ زامانلاردا پۇتبول ئۇسلۇبى كىشىلەرگە ھوزۇر بېغىشلايتتى ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز غەلىبە قىلالايتىڭىز.

2. پۇتبول مەڭگۈ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ھالەتتە ئوينىلىشى كېرەك، سىز ھۇجۇم پۇتبولى ئوينىسىڭىز، قىلغان ھۇجۇم ھەيۋەتلىك بولۇشى كېرەك.

3. ئەڭ ئاددىي پۇتبول ئۆز نۆۋىتىدە ئەڭ توغرا پۇتبول ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر سىز 20 مېتىر ئارىلىققا پاس يەتكۈزسىڭىزلا بولىدىغان بولسا ئۇنداقتا نېمىشقا 40 مېتىر ئارىلىققا پاس بېرىسىز؟ قارىماققا ئىنتايىن ئاددىي كۆرۈنىدىغان ئىشلارنىڭ ھەل قىلىش چارىسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك قېيىن ئەمەس.

4. پۇتبول تېپىش ئىنتايىن ئاددىي ئىش، لېكىن ئاددىي بولغان پۇتبولنى تېپىش ئەڭ قېيىن.

5. مېنىڭچە بىر پۇتبولچى ھەممە ئورۇندا ئوينىيالايدىغان بولۇشى كېرەك، شۇڭلاشقا ترېنېر تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرغاندا چوقۇم ھەممە توپچى ئەستايىدىل ئاڭلىشى كېرەك، ترېنېر يان بېكلەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا (تاكتىكا توغرىلىق) يان ھۇجۇمچىلار ئۇخلاپ قالسا بولمايدۇ (ئۇلارمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىشى كېرەك).

6. بارلىق ترېنېرلار ئاكتىپ يۈگۈرۈشنى تەكىتىلەيدۇ، مېنىڭچە ئۇنداق كۆپ يۈگۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، سىز چوقۇم ئەڭ توغرا ۋاقىتتا ئەڭ توغرا ئورۇندا تۇرۇشىڭىز كېرەك.

7. پۇتبول مۇسابىقىسىنى ياخشى ئويناش ئۈچۈن ياخشى پۇتبولچىلار بولمىسا بولمايدۇ، بىراق بىر ياخشى پۇتبولچىنىڭ چوقۇم ئۈنۈم يارىتالمايدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى باشقىلارغا ئوخشىمىغان ھالەتتە قىلىشنى ئويلايدۇ.

8. مېنىڭ ھۇجۇمچى ئەزالىرىم ھاماقەت بولمىسىلا، شۇنداقلا مەيداندا ئۇخلاپ قالمىسىلا، ئۇلار پەقەت 15 مېتىر يۈگۈرسىلا بولىدۇ.

9. ھېچقانداق بىر كوماندا بارسېلوناغا ئوخشاش ئاز يۈگۈرمەيدۇ، بارسېلونا مەڭگۈ توپ كونترول قىلىدۇ، ئۇلار مۇسابىقىنىڭ رىتىمىنى كونترول قىلىدۇ. مۇسابىقە مەيدانىدا پۇتبولدىن پەقەت بىرسىلا بار، كىم توپنى كونترول قىلسا شۇ مۇسابىقىنى كونترول قىلدۇ.

10. تېزلىك بىلەن ئالدىن قىلىنغان ھۆكۈم ھەمىشە ئالمىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر سىز باشقىلاردىن بۇرۇن يۈگۈرسىڭىز، قارىماققا سىز باشقىلاردىن تېز يۈگۈرگەندەك كۆرۈنىسىز.

11. ئەگەر بەش مېتىر بوشلۇق بېرىلسە، ئۇنداقتا بارلىق ئادەملەرنىڭ ھەممىسى پۇتبولنى قانداق تېپىشنى بىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بارسېلونا ئاتىسى كرۇيىفنىڭ پۇتبول توغرىسىدا ئېيتقان نادىر سۆزلىرى

بارسېلونا ئاتىسى كرۇيىف چوڭقۇر تەپەككۇرغا ئىگە پۇتبولچى ۋە ترېنېر، ئۇ ئەمەلىي قىممىتى زور پەلسەپىلىك سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئىسپانىيە «ماركا گېزىتى» ئۇنىڭ بىر قىسىم سۆزلىرىنى مەستانىلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى،