ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېرىكسېننىڭ ھالقىلىق سانلىق مەلۇماتلىرى بىرلەشمە بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-14 08:52

توتتېنھام ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئېرىكسېن قىشلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە باشقا كوماندىغا يۆتكىلىشى مۇمكىن. داڭلىق سانلىق مەلۇمات تور بېكىتى Optaنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئېرىكسېن توتتېنھامغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلىرىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئېرىكسېن 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغان بولۇپ، 62 ياردەمچى پاس چىقارغان، 570 قېتىم پۇرسەت ياراتقان، چەكلەنگەن رايونى سىرتىدا 23 توپ كىرگۈزگەن، يەنە سەككىز قېتىم ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن.

ئېرىكسېن بۇ تۆت تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتتا ئوخشاش ۋاقىتتىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، گەرچە بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ئويلىغاندەك بولمىسىمۇ، لېكىن سانلىق مەلۇماتلىرىغا تەسىرى يەتمىگەن.

ئەگەر ئېرىكسېن قىشلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە خەلقئارا مىلانغا قوشۇلسا، ئۇنداقتا لۇكاكۇ ۋە لاۋتارو تېخىمۇ كۆپ توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有