ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

CBA ئورگان تورى: شىنجاڭ كوماندىسى فېلدېرنىڭ ئورنىغا كىلاركنى ئالماشتۇردى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-14 09:20

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە CBA ئورگان تورى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ فېلدېرنىڭ ئورنىغا كىلاركنى ئالماشتۇرغانلانلىقى ئېلان قىلدى.

فېلدېر بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 22 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 18.9 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 8.4 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىش ۋە 1.9 قېتىم توپ تارتىۋېلىشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.

كىلارك ئالدىنقى يىلى يازدا شىنجاڭ كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق مەشىق جەريانىدا بارمىقى يارىلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىزچىل ئەسلىگە كېلىش باشقۇچىدا تۇرغان. بۈگۈن شىنجاڭ كوماندىسى فېلدېرنىڭ ئورنىغا رەسمىي ھالدا كىلاركنى ئالماشتۇردى، كىلارك 1-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا فۇجيەن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有