ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىنېستا بارسېلوناغا قايتىپ كوماندىنىڭ مەشىقىنى كۆزدىن كەچۈردى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-14 11:01

بارسېلونا بۇ يىللىق ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بارسېلوناغا قايتىپ مەشىقنى داۋاملاشتۇردى. بارسېلونا ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سابىق بارسېلونا ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئىنېستا بۈگۈن بارسېلوناغا قايتىپ كوماندىنىڭ مەشىقىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.

ئىنېستا ئىلگىرى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىنكى ئىشلار توغرىسىدا توختالغاندا، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە تېرىنېر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مەلۇم ۋاقىتتا بارسېلوناغا قايتىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا ئۇ يەنە بارسېلونا تېرىنېرى ۋالۋېردنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىش خەۋىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «بارسېلونانىڭ ھازىرقى ئىپادىسى ھەقىقەتەن ياخشى بولمىدى، لېكىن بىز يەنىلا ھازىرقى تېرىنېرنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك، ئۇنى ئىشتىن بوشىتىش ئاقىلانە تاللاش تاللاش ئەمەس. مەن رەئىس بارتومېئو بىلەن ئانچە كۆپ پىكىرلىشىپ كەتمىدى، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن، جۈملىدىن بارسېلونادىكى بارلىق توپچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ناھايىتى ياخشى. ھازىر بارسېلونا كۆز ئالدىدىكى بۇ مۇھىم مەسلىنى تېزدىن ھەل قىلىشقا موھتاج، چۈنكى ھازىر مەيلى تېرىنېر بولسۇن ياكى توپچى بولسۇن، ۋە ياكى مەستانىلەر بولسۇن ھەممەيلەن خۇشال ئەمەس» دېدى.

ئىنېستا بارسېلونا ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش بازىسىدىن يېتىشىپ چىققان گىگانىت چولپانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپتى بىلەن بارسېلونادا 16 يىل توپ تەپكەن. 2018-يىلى يازدا ئۇ بارسېلونادىن ئايرىلىپ ياپونىيە بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىنېستا بارسېلوناغا قايتىپ كوماندىنىڭ مەشىقىنى كۆزدىن كەچۈردى

بارسېلونا بۇ يىللىق ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بارسېلوناغا قايتىپ مەشىقنى داۋاملاشتۇردى. بارسېلونا ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سابىق بارسېلونا ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئىنېستا بۈگۈن بارسېلوناغا قايتىپ كوماندىنىڭ مەشىقىنى كۆزدىن كەچۈرگەن