ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىبراھىموۋىچ ئالتۇن تاپىر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 10:28

«ئالتۇن تاپىر» مۇكاپاتىنى ئىتالىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقىتىدىغان بولۇپ، يېقىندا تەلىيى ئوڭدىن كەلمەيۋاتقان، كۆپچىلىكنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمايۋاتقان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ، «ئالتۇن تاپىر مۇكاپاتى» مەسخىرە قىلىش، قىزىقچىلىق قىلىش، كىنايە خاراكتېرلىك تەنقىدىي تۈس ئالغان مۇكاپات، ئىلگىرى نۇرغۇن ئىتالىيە پۇتبول ساھەسىدىكى داڭلىق پۇتبولچىلار، ترېنېرلار بۇ مۇكاپاتنىڭ ساھىبى بولۇپ باققان، «مىلان دېربىيسى»دە مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندىن كېيىن، ئىبراھىموۋىچمۇ بۇ مۇكاپاتنىڭ ساھىبلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

مۇكاپات تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىبراھىموۋىچ زىيارەتنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا مۇنداق دېگەن:

«مۇسابىقىدە غەلبە قىلالمىغاندىن كېيىن، ئاچچىقلىنىش نورمال ئىش. مەندە پۇتبولغا نىسبەتەن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بار، ئۇنىڭدىن باشقا مەن ئىتالىيەدە داۋاملىق توپ تېپىشنى ئويلايمەن. مەن بۇ يەردە ناھايىتى خۇشال، كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.»

ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ بۇ ئايلانمىسىدىكى «مىلان دېربىيسى»دە AC مىلان مېھمان مەيداندا 4:2 نەتىجىدە خەلقئارا مىلانغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە AC مىلاننىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان بولۇپ، ئىبراھىموۋىچنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە بىر قېتىم ياردەم پاس بېرىشتەك ئىپادىسىگە تايىنىپ، «قىزىل قارا قوشۇن» ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنى 0:2 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈك بىلەن تاماملىغان، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يەنە ئىبراھىموۋىچنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگكەن.

تەپسىلاتلاردىن ئىگىلىنىشىچە، ئىبراھىموۋىچ بۇنىڭدىن بۇرۇن 2011-يىلىمۇ دەل AC مىلان كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان مەزگىلىدە كەينى-كەينىدىن مۇسابىقىدىن چەكلىنىش جازاسىغا ئۇچرىغانلىقتىن مەستانىلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ھەمدە «ئالتۇن تاپىر» مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن، بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىبراھىموۋىچ ئالتۇن تاپىر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

«ئالتۇن تاپىر» مۇكاپاتىنى ئىتالىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقىتىدىغان بولۇپ، يېقىندا تەلىيى ئوڭدىن كەلمەيۋاتقان، كۆپچىلىكنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمايۋاتقان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ،