ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئورگان تورى: ئادېبايور پاراگۋاي بىرلەشمىسىدىكى ئولىمپىيا كوماندىسىغا قوشۇلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 10:31

پاراگۋاي بىرلەشمىسىدىكى ئولىمپىيا كۇلۇبى ئورگان تورى ئارقىلىق توگولۇق ھۇجۇمچى ئادېبايورنى كوماندىغا قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئورگان تورىدا بۇ قېتىمقى قوشۇۋېلىشقا قارىتا توختام مۇددىتى ۋە توپچىنىڭ مائاشى قاتارلىق جەھەتتە ھېچقانداق تەپسىلاتنى ئاشكارىلىمىدى، ئادېبايور 1984-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ 36 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ.

ئادېبايور كەسپىي ھاياتىدا موناكو، ئارسېنال، مانچېستېر شەھىرى، خانلىق مادرىد، توتتېنھام ۋە خىرۇستال ئوردا قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تەپكەن، ئادېبايورنىڭ ئارسېنالدا توپ تەپكەن ۋاقتى ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئادېبايور، 2008-يىلى ۋە 2009-يىلى ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئافرىقا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان.

ئادېبايورنىڭ مەيداندىكى ئالاھىدىلىكى، ئىنتايىن سەزگۈر ۋە كەسكىن، ئۇنىڭدىن باشقا سەپداشلىرى بىلەن ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، گېرمانىيە يۆتكىلىش بازىرىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئادېبايور ھازىرغا قەدەر كەسپىي ھاياتىدا 587 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ جەريانىدا 205 توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە 65 قېتىم ياردەم پاس بەرگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئورگان تورى: ئادېبايور پاراگۋاي بىرلەشمىسىدىكى ئولىمپىيا كوماندىسىغا قوشۇلدى

پاراگۋاي بىرلەشمىسىدىكى ئولىمپىيا كۇلۇبى ئورگان تورى ئارقىلىق توگولۇق ھۇجۇمچى ئادېبايورنى كوماندىغا قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى