ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دېمبېلېنىڭ بارسېلونا ھاياتىدا قاتنىشالمىغان مۇسابىقىسى قاتناشقان مۇسابىقىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 10:34

بارسېلونا كۇلۇبى ئورگان تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ فرانسىيەلىك ياش ھۇجۇمچىسى ئوسمان دېمبېلې فىنلاندىيەدە ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولۇپ، تەخمىنەن ئالتە ئاي ئارام ئالىدىكەن، بۇ خەۋەردىن كېيىن «BR» تاراتقۇسى ئوسمان دېمبېلېنىڭ بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن بۇيانقى مۇسابىقىگە قاتناشقان مەيدان سانى جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ستاتىستىكا قىلىپ چىققان، دېمبېلې بارسېلوناغا ۋاكالىتەن جەمئىي 74 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 65 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان، كوماندىغا قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يەنە 15 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن.

يەنە نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئوسمان دېمبلېنىڭ بارسېلونادا قاتنىشالمىغان مۇسابىقە مەيدان سانى، ئۇنىڭ بارسېلوناغا ۋاكالىتەن قاتناشقان مۇسابىقە مەيدان سانىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

دېمبېلې بارسېلوناغا ۋاكالىتەن ئوينىغان 74 مەيدان مۇسابىقىسىدە كوماندا ئۈچۈن 19 توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە 17 قېتىم ياردەم پاس بەرگەن.

بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن بۇيان ئوسمان دېمبېلې ئىككى يېرىم يىل جەريانىدا ئاللىقاچان توققۇز قېتىم يارىلىنىپ بولدى. بۇ قېتىمقى يارىلىنىشتىن كېيىن ئوسمان دېمبېلې تاراتقۇلار تەرىپىدىن «ئەينەك ئادەم» دەپ تەرىپلىشىگە ئۇچرىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دېمبېلېنىڭ بارسېلونا ھاياتىدا قاتنىشالمىغان مۇسابىقىسى قاتناشقان مۇسابىقىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ

بارسېلونا كۇلۇبى ئورگان تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ فرانسىيەلىك ياش ھۇجۇمچىسى ئوسمان دېمبېلې فىنلاندىيەدە ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولۇپ، تەخمىنەن ئالتە ئاي ئارام ئالىدىكەن،